Uyghur主要词典
ئۈز
ئاھاڭداش سۆزلەر
پېئىل.
ئۈزمەك، ئۈزۈش.1. ئۇزۇنچاق نەرسىنى تارتىپ بۆلۈۋەتمەك، ئاجراتماق.
ئاغامچىنى ئۈزمەك.* گۈل ئۈزمەك. * ئۈزۈم ئۈزمەك. * تەلۋە تەپسە، تۆمۈرنى ئۈزىدۇ (ماقال).
2. ئارىدىكى مۇناسىۋەت، ئالاقە رىشتىنى توختاتماق. مۇناسىۋەتنى ئۈزمەك. * قول ئۈزمەك. * ئالاقىنى ئۈزمەك. * گەپنى ئۈزمەك.
دوستۇڭ بولسا دۈشمىنىڭگە بەك يېقىن،
ئۇنىڭدىن قول ئۈزۈشنى ئەقللىقلىق دېگىن.
* * *
ھەر نەرسىگە باغلىما كۆڭۈل،
كۆڭۈل ئۈزمەل ئەجەب مۈشكۈل.
ئاھاڭداش سۆزلەر
پېئىل.
ئۈزمەك، ئۈزۈش. 1. قول - پۇتلىرىنى مىدىرلىتىپ سۇ ئۈستىدە ھەرىكەت قىلماق.
سۈ ئۈزمەك. * سۇ ئۈزۈش مۇسابىقىسى.
يول يۈرسەڭ باشقا چىق،
سۇ ئۈزسەڭ قاشقا چىق.
* * *
ئىلىم ئېقىن سۇغا كېمە بولىدۇ،
كېمىدە بىلىمىلىك ئۈزۈۋېرىدۇ.
2.لەيلىمەك، لەيلەپ يۈرمەك. ئاسماندا بولۇت ئۈزۈپ يۈرەتتى.
«ئۈز» دىن ئىككى تۇيۇق:
كۆڭۈلنىڭ كەيىنىگە كىردىم - ھەۋەس دەرياسىدا ئۈزدۈم،
ھالال جۈپتۈم، بالا، ئۆيدىن كۆڭۈلنىڭ رىشتىنى ئۈزدۈم،
غېرىب بولدۇم، ئەقىل تاپتىم، ھەۋەستىن ئەمدى قول ئۈزدۈم
- ئابدۇرەھىم زونۇن.
بەختنى كۆزلىسەڭ قايناق جەڭدە ئۈز،
رەقىبىنىڭ كۆكىسىگە غەزەپتىن ئوق ئۈز.
ئەۋدلار بەختىگە باغ ياساپ ئۆتسەڭ،
روھىڭ دەر: «مەن تۈزگەن بوستاندىن گۈل ئۈز».
- ئابدۇكېرىم مەقسۇت.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
<ئۇد>غا قاراڭ.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئېغىر ئەيىب، جىنايەتچىلەرگە قارىتا ئىچ - ئىچىدىن يىرگىنچ تۇيغۇسى.
ناھەقچىلىككە لەنەت. مۇھەببەتنى بىلمىگەن نەپرەتنىمۇ بىلمەس. ئوغرى تويغۇچە يەيدۇ، ئۆلگىچە قارغىش ئالىدۇ. ئاتا قارغىشى ئوق، ئانا قارغىشى دوق.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
مال - چارۋىلار، جانىۋارلارنىڭ تېنىدە، سۈتىدە، بەزى ئۆسۈملۈكلەرنىڭ غولى، ئۇرۇقىدا، دېنىدا، گۈلىدە بولىدىغان ماددا.
قوي يېغى؛ زىغىر يېغى. ياغ يەپ يالىڭاچ يات. ياغدەك باقماق. شەيتاندىن، توپا يەمسەن؟ - دەپ سورىسا، يېغى بارمۇ؟ - دەپتۇ. ماي قاچىسى سىرتىدىن مەلۇم.
شىۋىلەر
قۇمۇل شىۋىسى
ياغ، ماي. مەسىلەن: بۇ ئاش ئۈزلۈك ئاش بوپتۇ.
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
ياغ.
ئۈزلۈگ مۈن _ ياغىلىق شورپا.
1 - 50
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
(«ا - ئېلىف» يۇمشاق تەلەپپۇز قىلىنىدۇ) ئۇز ياغ. ئۈزلۈك ئاش _ ئۈزلۈك ئاش.
1 - 63
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
گاس، پاڭ.
ئۈز كىشى _ گاس ئادەم.
1 - 63
قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى سۆزلۈكلىرى
نەپرەت، غەزەپ
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
دىئال. ياغ، ماي.