Uyghur主要词典
ئۈستەردى
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
ئول ماڭا ئۈستەردى _ ئۇ مېنىڭ بىلەن ئۈستۈنلۈكتە بەسلەشتى. ئول قىلمىش ئىشىن ئۈستەردى _ ئۇ قىلغان ئىشىنى ئىنكار قىلدى. ھەرقانداق ئىشتىن تېنىۋېلىشقا ۋە ئۇنى ئىنكار قىلىشقىمۇ مۇشۇ سۆز ئىشلىتىلىدۇ ( ئۈستەرۈر _ ئۈستەرمەك). ماقالدا مۇنداق كەلگەن: تۈزۈن بىرلە ئۇرۇش ئۇتۇن بىرلە ئۈستەردى _ يۇۋاش بىلەن ئۇرۇش، يۈزسىز بىلەن ئېيتىشما. جاڭجاللاشساڭ يۇۋاش بىلەن جاڭجاللاش، ئۇ ئېغىرىڭنى كۆتۈرىدۇ، يۈزسىز بىلەن ئېيتىشما، ئۇ سېنى شەرمەندە قىلىدۇ.
1 - 296