Uyghur主要词典
ئۈشكۈردى
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
كۈشكۈرتتى؛ ئىسقىرتتى.
ئول ئىتىغ كەيىككە ئۈشكۈردى _ ئۇ ئىتنى كېيىككە كۈشكۈرتتى. ئادەم بىر نەرسىگە كۈشكۈرتۈلسىمۇ مۇشۇ سۆز ئىشلىتىلىدۇ. يىلان ئۈشكۈردى _ يىلان كۇشۇلدىدى. ئادەمنىڭ ۋە تاپقۇشنىڭ ئىسقىرتىشىغىمۇ مۇشۇ سۆز ئىشلىتىلىدۇ. ماقالدا مۇنداق كەلگەن: ئۇس ئۈشكۈرسە ئۆلۈر _ تاپقۇش ئىسقىرتسا، ئۆلۈم چىقار. تاپقۇشنىڭ بىر ئادەمگە قاراپ ئىسقىرتىشى ئۆلۈمنىڭ ئالامىتى ھېسابلىنىدۇ ( ئۈشكۈرۈر _ ئۈشكۈرمەك).
1 - 304
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
ئەسلىدى، يادىغا كەلتۈردى.
ئول ئۇنۇتمىش سۆزۈگ ئۈشكۈردى _ ئۇ ئۇنۇتقان سۆزىنى يادىغا كەلتۈردى. ( ئۈشكۈرۈر _ ئۈشكۈرمەك).
1 - 304