Uyghur主要词典
ئۈرپەشتى
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
ھۈرپىيىشتى.
ئەرەن ئۈرپەشتى _ ئەلەر ھۈرپىيىشتى، باتۇرلار بىر - بىرىگە غەزەپ بىلەن ھۈرپىيىشتى. ( ئۈرپەشۈر _ ئۈرپەشمەك). شېئىردا مۇنداق كەلگەن:
ئەرەن ئارىغ ئۈرپەشۈر
ئۆچىن كەكىن ئىرتەشۈر
ساقال تۇتۇپ تارتىشۇر
كۆكسى ئارا ئوت تۇتار
ئەرلەر ئېرىغ ھۈرپىيىشەر،
ئۆچ - كەكلىرىنى ئېلىشار،
ساقال تۇتۇپ تارتىشار،
(ئۇلارنىڭ) كۆكسىدە ئوت يانماقتا.
باتۇرلار بىر - بىرىگە غەزەپ بىلەن قارىشىپ، ئۆچ ئېلىشقا كىرىشتى، ئۇرۇش قىزىپ كېتىپ، ھەممەيلەننىڭ كۆكسى غەزەپ ئوتىغا تولغاچقا، بىر - بىرىنىڭ ساقاللىرىغا چاڭ سېلىشتى.
1 - 305