Uyghur主要词典
ئۈنۈمدارلىق
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئۈنۈم بېرىش، ئۈنۈمى بارلىق، ئۈنۈمگە ئىگىلىك.
تۇپراقنىڭ مۇنبەتلىك دەرىجىسى.
يېشىل ئوغۇتلۇق ئۆسۈملۈك كۆپ تېرىلىپ، يەرنىڭ ئۈنۈمدارلىقى ئاشۇرۇلدى.
مەلۇم نەرسىنىڭ ئۈنۈم، پايدا يارىتىش ئىقتىدارى، كۈچى؛ ئۈنۈمى.
يېڭى چىققان يۇمران كۆكتاتلارنىڭ قان تازىلاش، قاندىكى تۆمۈر ماددىسىنى تولدۇرۇش ئۈنۈمدارلىقى ياخشى.
ئىش، خىزمەت، ئەمگەك قاتارلىقلارنىڭ بىرلىك ۋاقىت ئىچىدە ئورۇنلانغان مىقدارى، نىسبىتى.
ئەمگەك ئۈنۈمدارلىقى. ئىشلەپچىقىرىشنىڭ ئۈنۈمدارلىقىنى ئۆستۈرمەك.