Uyghur主要词典
ئۈن تىنسىز
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئۈن - تىن يوق، ئۈن - تىن چىقارماي، ئاۋاز چىقارماي، شەپىسىز.
لېكىن ئۇ ئۈن - تىنسىز يىغلاش ئارقىلىق خورمىنى يېگەنلىكىنى ئىقرار قىلغانىدى.
كۆچمە. ئۆز ئىچىدە، ھېچكىمگە تىنماي.
ئۇ نەچچە يىلدىن بېرىقى سېغىنىشلىرىنى كۆز يېشى ۋە ئۈن - تىنسىز تارتقان روھىي ئازابلىرىنى نېمە بىلەن مەلۇم قىلىدۇ؟
ھېچبىر گەپ - سۆز قىلماي، زۇۋان سۈرمەي، جىممىدە.
ئۇ قورققىنىدىن بېشىنى يەردىن ئۈستۈن قىلماي، ئۈن - تىنسىز ئولتۇرۇپ ياش تۆكتى.
جىم - جىملا، ئىز - دېرەكسىز، ئۇقتۇرۇپ قويمايلا، بىسوراقسىز؛ دەپ قويمايلا، ئۆز بېشىغا.
بالا ئۈن - تىنسىز يوقاپ كەتتى.