Chinese→Uyghur主要词典
越南独立宣言
دۇنيا تارىخى
ۋيېتنامنىڭ مۇستەقىللىك خىتابنامىسى
ۋيېتنامنىڭ مۇستەقىل بولغانلىقى جاكارلانغان خىتابنامە. 1945 - يىلى ۋيېتنامنىڭ ئاۋغۇست ئىنقىلابى غەلىبە قىلغان. شۇ يىلى 9 - ئاينىڭ 2 - كۈنى خانۇيدىكى باتىن مەيدانىدا غەلىبىنى تەبرىكلەش يۈزىسىدىن ئۆتكۈزۈلگەن 500 نەچچە مىڭ كىشىلىك چوڭ يىغىندا، رەئىس خۇزىمىن ۋيېتنام دېموكراتىك جۇمھۇرىيىتى ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتىگە ۋەكالىتەن بۇ خىتابنامىنى ئوقۇغان. خىتابنامىدە ۋيېتنامنىڭ 80 يىللىق مۇستەملىكىچىلىك ھۆكۈمرانلىق ۋە نەچچە مىڭ يىللىق فېئودال مۇستەبتىلىك تۈزۈمنى ئاغدۇرۇپ، مىللەتنىڭ ئەركىنلىكى ۋە مۇستەقىللىكىنى قولغا كەلتۈرگەنلىكى، يېڭى ۋيېتنام دېموكراتىك جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۇنياغا كەلگەنلىكى جاكارلانغان. خىتابنامىدە يەنە <ۋيېتنام فرانسىيىنىڭ بارلىق كونا شەرتنامىلىرىنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرىمايدۇ. فرانسىيىنىڭ ۋيېتنامدىكى بارلىق ئىمتىيازىنى ئەمەلدىن قالدۇرىدۇ> دەپ جاكارلانغان ھەمدە پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنى <بارلىق روھى ۋە كۈچى بىلەن، ھاياتى ۋە مال - مۈلكى بىلەن قەتئىي ئىتتىپاقىلىشىپ، بۇ ئەركىنلىك، مۇستەقىللىك ھوقۇقىنى قوغداش> قا چاقىرغان. <مۇستەقىللىك خىتابنامىسى> نىڭ ئېلان قىلىنىشى ۋە ۋيېتنام دېموكراتىيىسى جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرۇلۇشى، ۋيېتنام تارىخىنىڭ يېڭى دەۋرىنى ئاچقان.