Uyghur主要词典
ئۈلۈش
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
نېسىۋە:
دەۋلەتۇ نۇسرەت ئۇشبۇ تۈش،
تەڭرى ئەزەلدىن ساڭا بەرگەن ئۈلۈش.
دۇربېك.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
شېرىكلىشىپ باشقۇرغان سودا - سانائەتكە قوشۇلغان دەسمايە، ئۆسۈمى بولىدۇ.
شىركەتكە ئالتە پاي قوشتۇم. لىچۈن ھەسسىدارلار شىركىتىدە ئالىدىغان ئۈلۈشۈم بار. شىركەتكە قوشقان ھەسسىدارلار يىللىق ئۆسۈم ئېلىشقا ئالدىراپ تۇراتتى.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
تېگىشلىك ھەق
ئۈلۈش تەگمىگەن ئۆپكىلەر. بىر ئۈلۈش بىلىمنى ئىشلىتىش ئۈچۈن ئون ئۈلۈش بىلىم ئال. ھەسسىسى قايتمايدىغان ئەمگەك يوق. ئۈنچەڭنى ئال، يولۇڭغا ماڭ. ئۇخلىغاننىڭ نېسىۋىسىنى ئويغاق يەر.
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
ئۈلۈش، ئوق، ئونچە ھەسسە («ش -» ھەرپى ئەسلىدە «ك - »دۇر).
1 - 84
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
« ئۈلۈش» سۆزىنىڭ ئورنىدىكى سۆز. ئەرەبچىدىمۇ مۇئەننەسىنى بىلدۈرىدىغان «ك » ھەرپى «ش - » ھەرپىگە ئالمىشىدۇ.
1 - 84
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
ئۈلۈش، ئوق، ئۇنچە، ھەسسە.
خەلق ئارىسىدا ھەسسە ئايرىش. بۇ سۆزنىڭ ئاخىرىدىكى «ش -» ھەرپى «ك_ »دىن ئالماشقان. ئەرەبچىدىمۇ شۇنداق ئەھۋال بار.
1 -85
قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى سۆزلۈكلىرى
«ئۈلۈس» كە قاراڭ
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
تەقسىملىنىدىغان نەرسىنىڭ بىرەر كىشىگە تېگىشلىك قىسمى، بۆلىكى؛ ھەسسە، نېسىۋە.
ئۆز ئۈلۈشىنى ئالماق.
بىرەر چوڭ ئىشقا قىسمەن سەرپ قىلغان، قوشقان مېھنەت؛ ئەجىر؛ ھەسسە؛ تۆھپە.
بۇ غەلىبىلەرنىڭ ئىچىدە ھەر قايسىمىزنىڭ ئۈلۈشى بار ئەمەسمۇ.
بىر پۈتۈن ئىش، ھەرىكەت ياكى مەسىلىنىڭ مەلۇم بۆلىكى، قىسمى.
بىر ئۈلۈش مېھنەت بىر ئۈلۈش ئىقتىدارنى يېتىشتۈرىدۇ.