Uyghur主要词典
ئۈلپەت
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئولتۇرۇش، زىياپەتلەردە بىللە بولىدىغان دوست.
<چۆپقەت> سودا - سېتىقتا، يۈرۈش - تۈرۈشتا دائىملىق خېرىدار.
ئۈلپىتىڭ قاغا بولسا، يېيىشىڭ پوق. ئۈلپەت تاپ، قۇدرەت تاپ. قاسساپ چۆپقىتىگە ئۇستىخان بېرەر. ھەمدەمدە بار، ھېسابتا يوق. قولنى قولغا بېرىپ بولمىساق ھەمدەم، شادلىق ئايىغىدىن پەشۋا يېمەس غەم.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئەرەبچە
زىياپەت، ئولتۇرۇش قاتارلىق پائالىيەتلەردە بىللە بولىدىغان كىشى؛ ھەمسۆھبەت.
ئۈلپىتىڭ قاغا بولسا، يېيىشىڭ پوق (ماقال).