Uyghur主要词典
ئۈچتىن مۇداپىئەلىنىش كىيىمى
جەڭ مەيدانىدىكى «كۆز»ۋە مۇھاپىزەت
ئۈچتىن مۇداپىئەلىنىش كىيىمى يادرو ياراغلىرى، خىمىيىـۋى ياراغلار، بىئولوگىك ياراغلاردىن مۇداپـىئە كـۆرەلـەيـدىـغـان ئۇنـىـۋېـرسـال ئىقتىدارغا ئىگە كىيىم.
بۇ خىل كىيىم پەۋقۇلئاددە ماتېرىياللاردىن ئىشلىنىدۇ. دۇنيـا بـويـىـچـە ئەڭ ئىلغار ئۈچتىن مۇداپىئەلىنىش كىيىمى ئەنگلىيىنىڭKM 3تـىـپـلـىـق ئۈچتىن مۇداپىئەلىنىدىغان زەھەردىن ساقلىنىش كىيىمى ھېـسـابـلـىـنـىـدۇ. ئۇ چاپان، ئىشتان، كۆزنى ئاسراش ئەينىكى ۋە بۇتادىئېن - ستىـرېـن ئۆتۈك، خلوروپرېن پەلەي، زەھەردىن ساقلىنىش نىقابى قاتارلىقلاردىن تـۈزۈلـىـدۇ. چاپان، ئىشتان ئىككى قات بولىدۇ. تاشقى قـەۋىـتـى بىرىنچى مۇداپىئە لىنىيىسى بولۇپ، نىلون ۋە ياخشىلانغان پولىئاكرىلونىترىل تـالاسـىـدىـن توقۇلغان، ناھايىتى يۇقىرى نۇر رادىئاتسىيىسىگە قارشى تۇرۇش ئىقتىدارىغـا ئىگە، يۈزى ئىنتايىن سىلىق بولۇپ، ئۈچتىن مۇداپىئەلىنىش كىيىمىـگە چۈشكەن زەھەرلىك ماددىلار ناھايىتى تېزلا تارقىلىپ ھورلىنىـپ كـېـتـىـدۇ؛ ئىچكى قەۋىتى خىمىيىۋى بۇيۇملارغا چىلىنـىـپ كـاربـون سـۈرتـۈلـگـەن پەۋقۇلئاددە توقۇلمىلاردىن تىكىلىدۇ، ئۇ ئىككىنچى مۇداپىئە لىنىيىسىنى شـەكـىـلـلەندۈرىدۇ. دۈشمەن خىمىيىۋى زەھەرلىك ماددا قويۇپ بەرگەندە، ئۇ خـىـمـىـيـىۋى زەھەر ۋە زىيانلىق مىكرو ئورگانىزملارنىڭ چىرىـتـىـشـىـنى تـوسىدۇ، ئۇنىڭدىن باشقا يـامـغـۇردىـن سـاقـلىـنـالايـدۇ، ھاۋا ئۆتـكـۈزىـدۇ، تـەرنـى چىقىرىۋېتەلەيدۇ.
زەھەردىن مۇداپىئەلىنىش نىقابى، ئاساسەن، ئادەمنىڭ نەپـەسـلـىـنـىـش ئەزالىرى ۋە يۈز - كۆزلىرىنى زەھەردىن مـۇداپـىئە قىلىدۇ، رادىئوئاكتىپ توزان ۋە باكتېرىيىلەرنىڭ ئادەم بەدىنىگە كىرىشىـنى توسىدۇ.
كۆزنى ئاسراش ئەينىكى ئۆزلۈكىدىن رەڭگىنى ئۆزگەرتىش ئىـقـتـىـدارىـغـا ئىگە بولۇپ، كۆزنى ئاسرايدۇ. ئاتوم بومبا پارتلىغاندا، نەچـچـە100 مىڭ گرادۇسلۇق يۇقىرى تېمپـېـراتـۇرا ھاسـىـل قىلىـپ، كـۆزنـى قاماشتۇرىدىغان نۇر چىقىرىدۇ، بۇ خىل نۇر كـۆزگـە بـىـۋاسـىـتـە كـىـرسـە كۆرۈش تور پەردىسىنى زەخىملەندۈرۈپ، نۇر قارىغۇسى قىلىپ قويىدۇ، يادرو نـۇرى توساتتىن يېتىپ كەلگەندە، بـۇ خىل پەۋقۇلئاددە ماتېرىيالدىن ئىشلەنگەن كۆز ئاسراش ئەينىكى100 مىكرو سېكۇنت ئىـچـىـدىلا سۈزۈكتىن قارا رەڭگە ئۆزگىرىپ، كۆزنى زىيانغا ئۇچراشـتـىـن سـاقلايـدۇ، نۇر ئۆتۈپ كەتكەندىن كېيىن ئەينەك يەنە ئەسلىدىكى سـۈزۈك ھالـىـتـىـگـە قايتىدۇ.
بۇ خىل ئۈچتىن مۇداپىئەلىنىش كىيىمىنى كىيىۋالغاندا، دۈشـمـەنـنـىـڭ يادرو، بىئولوگىك، خىمىيىۋى ياراغلىرىنىڭ تۇيۇقـسـىـز ھۇجـۇمـىـغـا تاقابىل تۇرغىلى، ئىنتايىن مۇرەككەپ، خەتەرلىك مۇھىتتا پەۋقۇلئاددە جـەڭ ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلغىلى بولىدۇ.