ئۈچقات[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[قۇرۇلمىسى:]]ئۈچ+قات[[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] ئۈچقات ئائىلىسىدىكى يوپۇرماق تاشلايدىغان چاتقال. يوپۇرمىقى تۇخۇم ياكى ئۇزۇن ئېللىپس شەكلىدە، گۈلى دەسلەپ ئېچىلغاندا ئاق بولۇپ كېيىن سېرىققا ئۆزگىرىپ كېتىدۇ، پۇراقلىق بولىدۇ. مېۋىسى قارا رەڭلىك، يوپۇرماق ۋە گۈللىرى دورا قىلىنىدۇ. ئىسسىقنى ياندۇرۇش، ياللۇغ قايتۇرۇش قاتارلىق روللارغا ئىگە. ياغىچى قاتتىق، يىك ياساشقا ئىشلىتىلىدۇ.