Uyghur←Chinese主要词典
ئۈچ نوم
دۇنيا تارىخى
三藏
sān zàng
<تىرى پىتكا> ئەسلىدە ئۈچ ساندۇق ياكى ئۈچ سېۋەت دېگەن مەنىدە، بۇددا دىنىنىڭ مۇقەددەس كىتابلىرىنىڭ ئومۇمىي ئاتىلىشى. جۈملىدىن: (1) بۇددا نوم (سۇتراپىتاكا)، بۇددىنىڭ ساۋاقلىرى خاتىرىلەنگەن؛ (2) قانۇن نومى (ۋىناياپىتاكا)، مۇناسىۋەتلىك راھىبلارنىڭ ئەمرىمەرۇپلىرى ۋە بۇددا ئىبادەتخانىسىنىڭ قائىدە - يوسۇنلىرى خاتىرىلەنگەن؛ (3) نوم نەزەرىيىسى، ئابخىدخارما پىتكا بۇددا دىنىنىڭ پەلسەپىۋى قائىدىلىرى توغرىسىدىكى ئىزاھلار خاتىرىلەنگەن. ئۈچ نومنىڭ ھەممىسى ماھايانا (ئۇلۇغ كۈلۈڭگۈ)، ھىناياناغا (كىچىك كۈلۈڭگۈ) گە ئايرىلغان. ئۈچ نومنى پىششىق بىلىدىغان راھىبلار ھۆرمەتلىنىپ، <ئۈچ ئاغلىق نوم ئۇستازى> دەپ ئاتىلىدۇ. مەسىلەن: جۇڭگونڭ تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى شۈەنزاڭ <تاڭ دەۋرىدىكى ئۈچ ئاغلىق نوم ئۇستازى> دەپ ئاتالغان.