Uyghur←Chinese主要词典
ئۈچىنچى ئىنتېرناتسىئونال
دۇنيا تارىخى
第三国际
dì sān guó jì
يەنى كوممۇنىستىك ئىنتېرناتسىئونال. قىسقارتىلىپ، كومىنتېرىن دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ھەرقايسى ئەللەر كوممۇنىستىك پارتىيىلىرى ۋە كوممۇنىزمچى تەشكىلاتلارنىڭ خەلقئارا بىرلەشمە تەشكىلاتى. ئۈچىنچى ئىنتېرناتسىئونالنىڭ 1 - قۇرۇلتىيى 1919 - يىلى 3 - ئايدا، لېنىننىڭ رەھبەرلىكىدە موسكۋادا ئېچىلىپ، 30 دۆلەتنىڭ ئىشچىلار پارتىيىسى ۋە سولچىل تەشكىلاتلىرىنىڭ ۋەكىللىرى قاتناشقان. قۇرۇلتايدا <كوممۇنىستىك ئىنتېرناتسىئونالنىڭ خىتابنامىسى>، <كوممۇنىستىك ئىنتېرناتسىئونالنىڭ ھەرىكەت پروگراممىسى> ۋە <بۇرژۇئازىيە دېموكراتىيىسى ۋە پرولېتارىيات دىكتاتۇرىسى توغرىسىدىكى تېزىس> قاتارلىق ھۆججەتلەر ماقۇللىنىپ، ئۈچىنچى ئىنتېرناتسىئونالنىڭ قۇرۇلغانلىقى جاكارلانغان. قۇرۇلتاي ئىنتېرناتسىئونالنىڭ رەھبەرلىك ئورگىنى - ئىجرائىيە كومىتېتى ۋە ئىجرائىيە بيۇروسىنى سايلاپ چىققان. ئۇنىڭ قۇرۇلغانلىقى ئىككىنچى ئىنتېرناتسىئونال رېۋىزىئونىزمنىڭ ئۈزۈل - كېسىل بەربات بولغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. ئۈچىنچى ئىنتېرناتسىئونالنىڭ ۋەزىپىسى ماركسىزمنى تەشۋىق قىلىپ، ھەرقايسى ئەللەر ئىشچىلار سىنىپى ۋە كەڭ ئەمگەكچىلەر ئاممىسىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، جاھانگىرلىك ۋە كاپىتالىزمنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنى ئاغدۇرۇش، پرولېتارىيات دىكتاتۇرىسىنى ئورنىتىش، ئېكسپىلاتاتسىيە تۈزۈمىنى يوقىتىش ئۈچۈن كۈرەش قىلىشتىن ئىبارەت بولغان. ئۇنىڭ باش شتابى موسكۋادا قۇرۇلۇپ، ئۈچىنچى ئىنتېرناتسىئونالغا قاتناشقانلىكى كوممۇنىستىك پارتىيىلەرنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭ ياچېيكىسى بولغان. ئىلگىرى - ئاخىر بولۇپ يەتتە قېتىم قۇرۇلتاي ئېچىلىپ، 70 تىن ئارتۇق دۆلەت ۋە رايونلارنىڭ كوممۇنىستىك پارتىيىلىرىگە رەھبەرلىك قىلغان. ماركسىزم - لېنىنزىمنى قوغداش، خەلقئارا ئىشچىلار ھەرىكىتى ۋە ئېزىلگەن مىللەتلەرنىڭ ئازادلىق ھەرىكىتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، فاشىزمغا ۋە جاھانگىرلىك ئۇرۇشىغا قارشى تۇرۇش، خەلقئارا كوممۇنىزم ھەرىكىتىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش قاتارلىق جەھەتلەردە زور تۆھپە قوشقان. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە، ھەرقايسى ئەللەرنىڭ ئىچكى ئەھۋالىدا ۋە خەلقئارا ۋەزىيەتتە مۇرەككەپ ئۆزگىرىشلەر يۈز بېرىپ، ئەسلىدىكى تەشكىلىي شەكىلنىڭ كۈرەش ئېھتىياجىغا ماس كەلمەيدىغان بولۇپ قالغانلىقى تۈپەيلىدىن، ھەرقايسى ئەللەر كوممۇنىستىك پارتىيىلىرىنىڭ بىردەك قوشۇلۇشى ئارقىسىدا، 1943 - يىلى 6 - ئايدا تارقىتىلغانلىقى جاكارلانغان. ئۈچىنچى ئىنتېرناتسىئونالنىڭ ھەرقېتىملىق قۇرۇلتىيى ئېچىلغان ۋاقىت (ھەممىسىنىڭ ئونى موسكۋادا): بىرىنچى قۇرۇلتىيى: 1919 - يىلى 3 - ئاينىڭ 2 - 6 - كۈنلىرى. ئىككىنچى قۇرۇلتىيى: 1920 - يىل 7 - ئاينىڭ 19 - كۈنىدىن 8 - ئاينىڭ 7 - كۈنىگىچە. ئۈچىنچى قۇرۇلتىيى: 1921 - يىلى 6 - ئاينىڭ 22 ـ كۈنىدىن 7 - ئاينىڭ 12 - كۈنىگىچە. تۆتىنچى قۇرۇلتىيى: 1922 - يىلى 11 - ئاينىڭ 5 - كۈنىدىن 12 - ئاينىڭ 5 - كۈنىگىچە. بەشىنچى قۇرۇلتىيى: 1924 - يىل 6 - ئاينىڭ 17 - كۈنىدىن 7 - ئاينىڭ 8 - كۈنىگىچە. ئالتىنچى قۇرۇلتىيى: 1928 - يىلى 7 - ئاينىڭ 17 - كۈنىدىن 9 - ئاينىڭ 1 - كۈنىگىچە. يەتتىنچى قۇرۇلتىيى: 1935 - يىل 7 - ئاينىڭ 25 - كۈنىدىن 8 - ئاينىڭ 20 - كۈنىگىچە.