ئۈ[يەشمىسى:] ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئېلىپبەسىنىڭ يىگىرمە سەككىزىنچى ھەرىپى، رەت تەرتىپى جەھەتتىن يىگىرمە سەككىزىنچىنى بىلدۈرىدۇ. ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدىكى مەنە پەرقلەندۈرۈش رولىغا ئىگە فونېما.[CRLF]«ئۇ» ھەرىپىنىڭ ئايرىم شەكلى «ئۈ∥ۈ»، بېشىدىن ئۇلىنىدىغان شەكلى «ئۈ»، ئايىغىدىن ئۇلىنىدىغان شەكلى «ۈ∥ئۈ» ئوقۇلۇشى ياكى نامى «ئۈ».[CRLF]«ئۈ» تاۋۇشى تەلەپپۇز قىلغاندا پەيدا بولۇش ئورنى ۋە تاۋۇش چىقىرىش ئۇسۇلى جەھەتتىن سوزۇق تاۋۇشقا تەۋە بولۇپ، ئۇ تىل ئورنى ۋە تىلدىكى رولى جەھەتتىن تىل ئالدى سوزۇق تاۋۇش، لەۋ ھالىتى جەھەتتىن لەۋلەشكەن سوزۇق تاۋۇش، ئېغىز بوشلۇقىنىڭ ئېچىلىش-يېپىلىش دەرىجىسىنىڭ چوڭ-كىچىكىلىكى جەھەتتىن ئېگىز سوزۇق تاۋۇش.[CRLF][CRLF]«ئۈ» تاۋۇشىنىڭ فونېتىكىلىق ئالاھىدىلىكى[CRLF][CRLF]ئىككىنچى بوغۇمى ئېگىز سوزۇق تاۋۇش «ئۈ» بىلەن تۈزۈلگەن سۆزلەرگە قوشۇمچىلار قوشۇلغاندا، ئىككىنچى بوغۇم ئۇرغۇسىنى يوقاتسا «ئۈ» تاۋۇشى چۈشۈپ قالىدۇ. نەتىجىدە ئەسلى ئۈچ بوغۇم بولىدىغان سۆزلەر ئىككى بوغۇم بويىچە قالىدۇ. مۇنداق سۆزلەر ئىملادا چۈشۈپ قالغىنى بويىچە يېزىلىدۇ ۋە شۇنداق تەلەپپۇز قىلىنىدۇ. مەسىلەن:[CRLF]كۆڭۈل + ۇم = كۆڭلۈم [CRLF]ئۆمۈر + ۈڭ = ئۆرۈڭ