Uyghur主要词典
ئۇچرىماق
مەنىداش سۆزلۈكلەر
يۈزمۈيۈز كەلمەك.
دۇچ كەلسەڭ قايتۇرالماس بالا - قازا، يۈزمۈيۈز تۇر، دۈمبەڭنى كۆرسەتمە ئەسلا. دۇچار بولساڭ يولۋاسقا، بەل باغلىغىن قايتماسقا. پالاكەتكە ئۇچرىماي دېسەڭ، ئاغزىڭنى يىغ، تىلىڭنى تارت.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
قارشىسىدىن چىقماق، ئۇدۇل كەلمەك.
ھاجىغا ھاجى مەككىدە ئۇچرار. ئوغرى بىلەن ئوغرى كېچىدە ئۇچرىشار. يولۋاسقا يولۇقما، يولۇقساڭ ھولۇقما. كەزلەشسەڭ كەڭ يۇيىلار.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
پىئېل
ئۇدۇلىدىن، قارىشىسىدىن چىقماق، روبىروسىغا كېلىپ قالماق.
قارىغۇ مۈشۈككە ئۆلۈك چاشقان ئۇچراپتۇ (ماقال).
تېپىلماق، چىقماق.
ئارىمىزدا ئوقۇغۇچىلارنىڭ نەرسىلىرىنى ئوغرىلاپ ئالىدىغانلارمۇ ئۇچرايتتى.
نامايان بولماق، كۆرۈلمەك.
يازنىڭ ھاۋاسى قۇرۇق ئىسسىق بولۇپ، سەپرادىن بولغان كېسەللىكلەر كۆپرەك ئۇچرايدۇ.
نېسىپ بولماق، يولۇقماق.
تاللاپ - تاللاپ تازغا ئۇچراپتۇ (ماقال).
دۇچار بولماق، دۇچ كەلمەك، يولۇقماق.
پالاكەتكە ئۇچرىماق. زىيانغا ئۇچرىماق. كاشىلىغا ئۇچرىماق. غەزەپكە ئۇچرىماق. قەستكە ئۇچرىماق. تەھدىتكە ئۇچرىماق.