Uyghur主要词典
ئۇچقۇنلىماق
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
پىئېل
كۆيۈپ ئۇچقۇن چىقارماق، ئۇچقۇن چاچراتماق.
ئوت ئۇچقۇنلاپ كۆيدى.
كۆچمە. ئۇچقۇن ئېلىپ يېنىشقا، پەيدا بولۇشقا باشلىماق.
ئۇچقۇنلاپ تۇرغان ئىنقىلاب يانغىن ھاسىل قىلدى.
ناھايىتى ئۇششاق زەررىچە ھالىتىدە ياغماق.
راست دېگەندەك پۈتۈن ئەتراپنى قارا بولۇت قاپلاپ، قار ئۇچقۇنلاشقا باشلىدى.
كۆچمە. پەيدا بولماق، ئىپادىلەنمەك (سەزگۈ، ھېسسىيات، روھىي ھالەت قاتارلىقلارنىڭ بەلگىسى ھەققىدە).
ئۇنىڭ كۆزلىرىدە ئەمدى ياش ئەمەس، غەزەپ ئۇچقۇنلايتتى.