Chinese→Uyghur主要词典
原兽类
ئۇنىۋېرسال
yuán shòu lèi
ھاشاراتخورلار
بىئولوگىيە
قەدىمكى ئېمىتكۈچىلەر
پروتوتېرىيىلەر دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئۇ سۈت ئەمگۈچىلەر سىنىپىدىكى بىر كەنجى سىنىپ. ئۇ ھازىر ساقلىنىپ قالغان ئەڭ ئىپتىدائىي ئېمىتكۈچى ھايۋانلارنى كۆرسىتىدۇ. يەر باغىرلىغۇچىلارغا يېقىن كېلىدىغان ۋە يۇقىرى دەرىجىلىك ئېمىتكۈچىلەرگە ئوخشىمايدىغان بىر قاتار ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە، مەسىلەن، تۇخۇم سېلىپ كۆپىيىدۇ، سېرىقى كۆپ شاكاللىق تۇخۇم تۇغىدۇ، چىشلىرىنىڭ تۇخۇم بېسىش قىلىقى ساقلانغان؛ كلوئاكاسى بار، سۈت بەزلىرى قورساق قىسمىدىكى سۈت بېزى رايونىدا بولۇپ، ئەمچەك توپچىسى بولمايدۇ؛ ئەركىكىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئېمىتكۈچىلەرنىڭكىدەك چېتىشىش ئورگىنى (زەكىرى) بولمايدۇ؛ چوڭ مېڭە پوستلىقى تەرەققىي قىلمىغان، قاداقلىق تەنچىسى (كاللوزا تەنچىسى) يوق؛ يېتىلگەن ھايۋاننىڭ چىشى بولمايدۇ. جېغىدا مۈڭگۈز ماددىلىق تۇمشۇقى بولىدۇ؛ مۈرە بەلبېغىنىڭ تۈزۈلۈشى يەر باغىرلىغۇچىلارنىڭكىگە ئوخشاش؛ بەدەن سىرتى تۈكلۈك بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى تەڭشەش ئىقتىدارى ناچار، مۇھىت تېمپېراتۇرىسى نۆل سىلتسىيە گرادۇسقا تۆۋەنلىگەندە بەدەن تېمپېراتۇرىسى 20 - 30 سىلتسىيە گرادۇس ئارىلىقىدا تەۋرىنىپ تۇرىدۇ؛ مۇھىت تېمپېراتۇرىسى 30 - 35 سىلتسىيە گرادۇسقا ئۆرلىگەندە بولسا، ئىسسىقلىق تەڭشەش مېخانىزمىنى يوقىتىپ ئۆلۈپ كېتىدۇ. بۇ ئۇلارنىڭ ھەرىكەت ئىقتىدارىنىڭ ئاجىز، تارقىلىش دائىرىسىنىڭ تار بولۇشىدىكى ئاساسلىق سەۋەبلەرنىڭ بىرى. سوغۇق پەسىللەردە ئۈچەككە كىرىدۇ، تومۇز كۈنلىرى دۈم يېتىۋېلىپ ئۇۋىسىدىن چىقمايدۇ. ئۇلار ئاۋسترالىيە ۋە شۇ ئەتراپتىكى ئاراللاردا ياشايدۇ. بۇ تۈركۈمدىن ھازىر بىر تۆشۈكلۈكلەردىن ئىبارەت بىر ئەترەت ساقلىنىپ قالغان بولۇپ، سانى ناھايىتى ئاز. ئۇلار ئىككى ئائىلە ئۈچ ئۇرۇقداشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. تىپىك ۋەكىللىرى ئۆردەكتۇمشۇق ۋە ئېخىدنادىن ئىبارەت. ئىپتىدائىي ئېمىتكۈچىلەر ئەڭ تۆۋەن دەرىجىلىك ئېمىتكۈچىلەرگە ۋەكىللىك قىلىدۇ ۋە ئېمىتكۈچىلەرنىڭ كېلىپ چىقىشىنى تەتقىق قىلىشتا مۇھىم ئىلمىي قىممەتكە ئىگە بولغان ھايۋانلار ھېسابلىنىدۇ.