Chinese→Uyghur主要词典
原始公社制度
دۇنيا تارىخى
ئىپتىدائىي كوممۇنا تۈزۈمى
ئىپتىدائىي جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ ھەرقايسى باسقۇچىلىرىدىكى كوممۇنا تۈزۈمىنىڭ ئومۇمىي ئاتىلىشى. ئىپتىدائىي كوممۇنا تۈزۈمىدىكى جەمئىيەت يەنى ئىپتىدائىي جەمئىيەت - ئىنسانىيەت تارىخىدىكى تۇنجى ئىجتىمائىي ئىقتىسادىي فورماتىسيە بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. بۇ تۈزۈم ئاستىدا، ئىنتايىن تۆۋەن دەرىجىدىكى ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرى سەۋىيىسى ئادەملەرنىڭ جەزمەن ئورتاق ئەمگەك قىلىشىنى ھەمدە تەبىئىي ئىش تەقسىماتى بويىچە ئاددىي ھەمكارلىقنى يولغا قويۇشنى بەلگىلىگەن. ئورتاق ئەمگەك ئىشلەپچىقىرىش ۋاسىتىلىرىگە بولغان ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكنى ۋە مەھسۇلاتلارنىڭ تەڭ تەقسىم قىلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان، شۇڭا ئۇنىڭدا خۇسۇسىي مۈلۈكچىلىك، سىنىپ ۋە ئېكسپىلاتاتسىيە بولمىغان. ئىشلەپچىقىرىش ۋاسىتىلىرىگە بولغان ئومۇمىي مۈلۈكچىلىك، ئورتاق ئەمگەك ۋە تەڭ تەقىسمات - ئىپتىدائىي كوممۇنا تۈزۈمىدىكى ئىشلەپچىقىرىش مۇناسىۋەتلىرىنىڭ ئاساسىي ئالاھىدىلىكى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ، ئىشلەپچىقىرىش ۋاسىتىلىرىگە بولغان ئومۇمىي مۈلۈكچىلىك بولسا ئىپتىدائىي كوممۇنا تۈزۈمىدىكى ئىشلەپچىقىرىش مۇناسىۋەتلىرىنىڭ ئاساسىي بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئىپتىدائىي كوممۇنا تۈزۈمىدىكى جەمئىيەت 3 مىليون يىلدىن ئارتۇق داۋام قىلغان، ئالدىنقى ئۇرۇقداشلىق كوممۇنىسى (قانداش ئائىلە كوممۇنىسى) دەۋرى؛ ئۇرۇقداشلىق كوممۇنىسى (ماترىئارخال ئۇرۇقداشلىق ۋە پاترىئارخال ئۇرۇقداشلىق) دەۋرىدىن ئىبارەت ئىككى ئاساسىي باسقۇچنى بېسىپ ئۆتكەن. ئالدىنقى ئۇرۇقداشلىق كوممۇنىسى دەسلەپكى دەۋرلەردىكى مايمۇنسىمان ئادەملەر، ئاخىرقى دەۋرلەردىكى مايمۇنسىمان ئادەملەر ۋە (ئۆرە ماڭىدىغان ئادەملەر) ۋە دەسلەپكى مەزگىللەردىكى ئەقىللىق ئادەملەر (قەدىمكى ئادەملەر)نىڭ ئىجتىمائىي تەشكىلاتى بولۇپ، ئۇ مەۋجۇت بولغان ۋاقىت بۇنىڭدىن تەخمىنەن 3 مىليون يىلدىن 20 - 50 مىڭ يىلغىچە ئىلگىرى بولغان، ئۇ نادانلىق دەۋرىنىڭ ئوتتۇرا باسقۇچى، كونا تاش قوراللار مەدەنىيىتىنىڭ دەسلەپكى ۋە ئوتتۇرا دەۋرلىرىگە توغرا كېلىدۇ. قانداشلىق ئائىلە كوممۇنىسىدا قوۋم ئىچىدە نىكاھلىنىش يولغا قويۇلغان، ئىشلەپچىقىرىش پائالىيىتى تەبىئىي ھايۋانلار - ئۆسۈملۈكلەرنى يىغىش ياكى ئوۋلاش بىلەن چەكلەنگەن، تەبىئىي ئىش تەقىسماتى ئۇسۇلى بويىچە ئورتاق ئەمگەك قىلغان. ئۇرۇقداشلىق كوممۇنىسى ئاخىرقى دەۋرلەردىكى ئەقىللىق ئادەملەر (ھازىرقى زامان ئادەملىرى) نىڭ ئىجتىمائىي تەشكىلاتى بولۇپ، ئۇ مەۋجۇت بولغان ۋاقىت بۇنىڭدىن تەخمىنەن 20 - 50 مىڭ يىل ئىلگىرى ۋاقىتلاردىن مىلادىدىن ئىلگىرى 4000 - يىللار ئەتراپىدا بولۇپ، ئۇ ۋارۋارلىق دەۋرىنىڭ يۇقىرى باسقۇچى ۋە پۈتكۈل ياۋايىلىق دەۋرىگە توغرا كېلىدۇ. ئىجتىمائىي ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرى تەرەققىي قىلىپ يېڭى تاش قوراللار ھەتتا مېتال قوراللار سەۋىيىسىگە يەتكەندە، ئىجتىمائىي ئىقتىسادىي دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىققا ئۆتۈپ، مۇكەممەل ئۇرۇقداش قەبىلە تەشكىلاتى ۋە ئولتۇراقلاشقان كەنتلەر مەيدانغا كەلگەن. نىكاھلىق ئائىلە شەكلى توپ نىكاھلىقتىن تەدرىجىي تەرەققىي قىلىپ جۈپ نىكاھلىققا شۇنىڭدەك بىر ئەر بىر خوتۇنلۇق تۈزۈمگە ئۆتكەن. ئىپتىدائىي كوممۇنا تۈزۈمى ئاتا جەمەت ئۇرۇقداشلىق دەۋرىگە پارچىلىنىشقا باشلىغان. مېتال قوراللارنىڭ ئىشلىتىلىشى ۋە ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنىڭ ئۆسۈشى، ئىجتىمائىي ئىش تەقسىماتى بىلەن تاۋار ئالماشتۇرۇشنىڭ تەرەققىي قىلىشى، شۇنىڭدەك خۇسۇسىي مۈلۈكچىلىك ۋە سىنىپنىڭ پەيدا بولۇشى ئارقىسدا، ئىپتىدائىي كوممۇنا تۈزۈمىنىڭ پارچىلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، ئۇنىڭ ئورنىنى سىنىپىي جەمئىيەت ۋە دۆلەت ئالغان. دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ سىنىپىي جەمئىيەتكە كىرىش ۋاقتى ئوخشاش ئەمەس. غەربىي ئاسىيادىكى مېسوپوتامىيە ۋادىسى، شىمالىي ئافرىقىدىكى مىسىر، ئېگېي مەدەنىيىتى رايونى ۋە ھىندىستان، جۇڭگو قاتارلىق جايلار مىلادىدىن 3000 - 4000 يىل ئىلگىرىكى يىللاردا مىس - تاش قوراللار تەڭ ئىشلىتىلىدىغان ياكى برونزا قوراللار دەۋرىدىلا سىنىپىي جەمئىيەتكە كىرگەن. ياۋروپا، ئامېرىكا، ئاۋسترالىيە قىتئەلىرىدىكى ھەرقايسى جايلار بولسا كېيىنرەك كىرگەن. بەزى جايلاردىكى ئارقىدا قالغان قەبىلىلەردە يېقىنقى زامانلارغىچە ئىپتىدائىي كوممۇنا تۈزۈمى ئوخشاش بولمىغان دەرىجىدە ساقلانغان.