Chinese→Uyghur主要词典
原始表情
پسىخولوگىيە
ئىپتىدائىي مىمىكا
بۇ خۇشاللىق، ئاچچىقلىنىش، قايغۇرۇش، قورقۇش قاتارلىق ھايۋان بىلەن ئادەملەرگە ئورتاق بولغان ئەڭ ئاساسىي كەيپىيات ھالىتىنىڭ تاشقى ئىپادىسى. ھايۋانلار بىلەن ئادەملەرنىڭ تەدرىجىي تەرەققىيات جەريانىدىكى ئىپتىدائىي مىمىكىسى ئۆز كەيپىياتىنى ئاڭلىق ھالدا بىر بىرىگە يەتكۈزۈش ئەمەس ئىدى، ئەمما ئورگانىزم ئۈچۈن ماسلىشىش قىممىتى بار ئىدى. مەسىلەن: ئېغىز جاۋغىيىنىڭ پەسكە قىيىسىيىشى يىغلاشقا باشلاش ۋاقتىدىكى يۈز قىياپىتى بولۇپ، قىيىنچىلىققا دۇچ كەلگەندە ياردەم سوراش رولىنى ئوينايدۇ. ياردەم سوراش جەريانىدا ئىپادىلىگەن بۇ قىياپەت نەسلدىن نەسىلگە قېلىش بىلەن فىزىئولوگىيە - ئاناتومىيىلىك ئىز بولۇپ قالغان. كېيىن بۇ ناخۇشلۇقنىڭ تەبىئىي ھالدىكى ئومۇمىي مىمىكىسىغا ئايلانغان. يەنە بىر مىسال شۇكى، قۇسۇش ۋاقتىدىكى يۈز مۇسكۇلىنىڭ ھەرىكىتى يىرگىنىش كەيپىياتى مىمىكىسىغا بەك ئوخشايدۇ. بۇ مىساللاردىن بىز ئىپتىدائىي مىمىكىنىڭ بىئولوگىيىلىك ئاساسى بارلىقىنى چۈشىنىۋالالايمىز.