Chinese→Uyghur主要词典
圆口纲
بىئولوگىيە
يۇمىلاق ئېغىزلىقلار سىنىپى
<خالتا ژابرالىقلار> (Marsipobranchii)، <بىر بۇرۇن تۆشۈكلۈك ھايۋانلار> (مونورىنالار Monorhina) دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئومۇرتقىلىق ھايۋانلار كەنجى تىپىدىكى ئەڭ تۆۋەن دەرىقىلىك بىر سىنىپ، تۈر سانى ئاز، تېنى يىلانبېلىق شەكىللىك، پالاقسىز، ئوتتۇرا - كىچىك تىپتىكى بىر توپ بېلىقسىمان ھايۋانلار. يۇمىلاق ئېغىزلىقلارنىڭ ئاساسلىق ئۈستۈنكى - تۆۋەنكى جاغلىرى بولماسلىقتەك مۇھىم ئالاھىدىلىكى بولغاچقا يەنە <جاغسىزلار> (Agnatha) دەپمۇ ئاتالغان. خوردىسى تەرەققىي قىلغان بولۇپ، ئۆمۈر بويى ساقلىنىدۇ. ھەقىقىي ئومۇرتقىسى يوق، پەقەت نېرۋا يايىنىڭ بىخلىرىلا بولىدۇ؛ جۈپ پالاقچىسى يوق بولۇپ، ئومۇرتقىلىق ھايۋانلار ئىچىدىكى بىردىنبىر پۇتسىز ھايۋانلار سىنىپى ھېسابلىنىدۇ. ئىچكى قۇلىقىدا پەقەت بىر ياكى ئىككى دانە يېرىم ئايلانما نەيچىسى بولىدۇ، يۇمىلاق ئېغىزلىقلاردا مۇشۇنداق ئىپتىدائىي ئالاھىدىلىكلىرىدىن باشقا يەنە بەزى ئالاھىدە تۈزۈلۈشلەر بولىدۇ. مەسىلەن، ژابرالىق نەپەسلىنىش ئورگىنى خالتا ژابرا؛ پەقەت بىرلا بۇرۇن تۆشۈكى بولۇپ، باش قىسمىنىڭ ئوتتۇرا سىزىقىغا جايلاشقان؛ ئېغىز قىسمى ۋارونكا شەكىللىك بوللۇپ، شورىغۇچى تەخسە شەكلىدە تۈزۈلگەن، ئىچكى دىۋارىدا مۈڭگۈز ماددىلىق چىشلىرى بولىدۇ؛ تېرىسى پارقىراق، شىلىمشىق سۇيۇقلۇق بەزلىرى كۆپ؛ دېڭىز سۈيى ياكى تاتلىق سۇلاردا باشقا بېلىقلارنىڭ بەدىنىگە يېپىشىپ ياكى بەدىنىگە تېشىپ كىرىپ، ئۇلارنىڭ قان - گۆشلىرى بىلەن ئوزۇقلىنىپ ھايات كەچۈرىدۇ. ھازىرغىچە ساقلانغان يۇمىلاق ئېغىزلىقلار سىنىپىدىكى ھايۋانلار تەخمىنەن 50 تۈر بولۇپ، ئىككى ئەترەتكە بۆلۈنگەن. يەتتە ژابرالىق يىلانبېلىقلار ئەترىتى (Petromyzoniformes) دىكىلەرنىڭ ئاساسلىق تۈرلىرىدىن مەملىكىتىمىزنىڭ سۇڭخۇاجياڭ، خېيلۇڭجياڭ دەريالىرىنىڭ ۋادىلىرىدا شەرقىي شىمال يەتتە ژابرالىق يىلانبېلىقى بىلەن رېيسانېر؛ ياپونىيە دېڭىز رايونلىرىنىڭ دەريا ئېقىنلىرىغا تارقالغان ياپونىيە يەتتە ژابرالىق يىلانبېلىقى (مەملىكىتىمىزدىمۇ چىقىدۇ)؛ ئاتلانتىك ئوكيان ساھىلىدىكى چوڭراق دەريا - كۆللەردە ياشايدىغان دېڭىز يەتتە ژابرالىق يىلانبېلىقى قاتارلىقلار با؛ سوقۇر يىلانبېلىق ئەترىتىدىكى (Myxiniformes) كۆپ ئۇچرايدىغان تۈرلىرى سوقۇر يىلانبېلىقى (ئاتلانتىك ئوكيان دېڭىز ساھىللىرىدىن چىقىدۇ) ۋە سىلىق سوقۇر يىلانبېلىق (ياپون دېڭىزى، مەملىكىتىمىزنىڭ فۇجيەن، جېجياڭ ئۆلكىلىرىنىڭ دېڭىز ياقىلىرىدىن تېپىلىدۇ) لاردىن ئىبارەت.
ئۇنىۋېرسال
yuán kǒu gāng
يۇمىلاق ئېغىزلىقلار سىنىپى