Uyghur主要词典
ئېتتى
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
تەڭرى مەنىڭ ئىشىم ئېتتى _ تەڭرى مېنىڭ ئىشىمنى ئوڭلىدى. ئول يۈكۈنچ ئېتتى _ ئۇ ناماز ئۆتىدى. ئوغۇزلار بىر ئىشنى قىلسا، « ئېتتى» سۆزىنى ئىشلىتىدۇ. تۈركلەر « قىلدى» دەيدۇ. لېكىن بۇ سۆز جىنسىي ئالاقىغىمۇ ئىشلىتىلگەنلىكتىن، خوتۇنلار خىجالەت بولمىسۇن دەپ، بۇ سۆزنى قوللىنىشتىن ۋاز كەچكەن ( ئېتەر _ ئېتمەك).
1 - 23