Uyghur主要词典
ئىتسيگەك
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىت + سىي + گەك
ئىسىم
بوتانىكا
لويلا ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق، سامان غولللۇق يېرىم چاتقال. غولى تىك، تۈۋىدىن شاخلىنىدۇ. شاخلىرى بوغۇملۇق بولۇپ گۆشلىشىدۇ، رەڭگى يېشىل. يوپۇرماقلىرى يىگىلەپ تەڭگىچە يوپۇرماققا ئايلانغان. يوپۇرماق قولتۇقىدا قارا تۈكلىرى بولىدۇ. شورتاڭ جايلاردا ئۆسىدۇ، زەھەرلىك. ئادەتتە قۇرت ئۆلتۈرۈش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ. شىنجاڭنىڭ ھەممە جايلىرىدىن تېپىلىدۇ.