Uyghur主要词典
ئېتىراز بىلدۈرۈش خېتى
دۇنيا تارىخى
ئەنگلىيە بۇرژۇئا ئىنقىلابىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە، ئۇزۇن مۇددەتلىك دۆلەت مەجلىسى 1641 - يىلى 12 - ئايدا كورۇل چارلېس Ⅰ غا فېئودال مۇستەبىتلىككە قارشى تۇرۇش يۈزىسىدىن سۇنغان 204 ماددىلىق ھۆججەت. بۇ، دۆلەت مەجلىسى بىلەن كورۇلنىڭ بۆلۈنگەنلىكىنىڭ بەلگىسىدۇر. ئۇنىڭدا پادىشاھ جەمەتىنىڭ ھوقۇقتىن كەلسە - كەلمەس پايدىلانغان تۈرلۈك ئەھۋال كۆرسىتىلىپ، ئىسلاھات ئېلىپ بېرىش ۋە دۆلەت مەجلىسى ئالدىدا جاۋابكار بولىدىغان ھۆكۈمەت قۇرۇش ئۈچۈن دۆلەت مەجلىسىگە زور ھوقۇق بېرىش تەلەپ قىلىنغان. ئۇنىڭغا تەلەپنامە قوشۇمچە قىلىنىپ، ئېپىسكوپنىڭ ھوقۇقىنى چەكلەش، دىنىي زىيانكەشلىكنى تۈگىتىش، چېركاۋنىڭ زۆرۈرۈ بولمىغان قائىدىلىرىنى بىكار قىلىش، پادىشاھ قانات ئاستىغا ئالغان. مەسئۇلىيەتسىز ئەمەلدارلارنى ۋەزىپىدىن ئېلىپ تاشلاش ھەمدە ئىرلاندىيىدە يىغىۋېلىنغان يەرلەرنى دۆلەتنىڭ ئىگىدارچىلىقىغا ئۆتكۈزۋالماسلىق ۋە باشقىلار تەلەپ قىلىنغان. بۇ ھۆججەت كېيىن كىتابچە قىلىنىپ بېسىلىپ كەڭ تارقالغان. بۇنىڭ بىلەن مەملىكەت ئىچىدە خان جەمەتى ۋە كاتولىك دىنىغا قارشى كەيپىيات كۈچىيىپ، ئىچكى ئۇرۇشنىڭ پارتلىشىنى تېزلەتكەن.