Uyghur←Chinese主要词典
ئېتىكا سوتسىيالىزمى
دۇنيا تارىخى
伦理社会主义
lún lǐ shè huì zhǔ yì
كانتنىڭ ئىدېئالىزملىق ئېتىكا ئىدىيىسىنى سوتسىيالىزم قىلىپ كۆرسىتىدىغنا بىرخىل تەلىمات. ⅩⅨ ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدا يېڭى كانتزمچى كوھېن (1842 - 1918) قاتارلىقلار ئوتتۇرغا قويغان، كېيىن ئىككىنچى ئىنتېرناتسىئونال ئاغمىچىلىرىدىن بېرنىشتېيىن قاتارلىقلار ماركسىزمغا <تۈزىتىش كىرگۈزۈش> تە ئۇنىڭدىن ئىدىيىۋى قورال سۈپىتىدە پايدىلانغانىدى. ئېتىكا سوتسىيالىم ئىدىيىسى گېرمانىيە، ئىتالىيە، روسىيە قاتارلىق دۆلەتلەرگە تارقالغان. بۇ ئىدىيىدىكىلەر سوتسىيالىزم بىر خىل ئابستراكىت ئەخلاق غايىسى، ئۇنىڭ نەزەرىيىۋى ئاساسى ئېتىكا بولۇشى لازىم، دەپ جاكارلىغنا. كشىلەرنىڭ ئېتىكىلىق ئەخلاق جەھەتتىكى ئۆز - ئۆزىنى تەربىيىلىشى، ئۇلارنى بارلىق ئىجتىمائىي ئاپەتلەردىن ساقلاپ قالىدۇ، دېگەننى تەرغىپ قىلاتتى. ئۇلار سىنىپىي جەمئىيەتنىڭ تارىخىي تەرەققىياتىنى سىنىپىي كۈرەش ئەمەس، بەلكى بىر خىل سىنىپتىن خالى، مەڭگۈلۈك ئەخلاق پرىنسىپلىرىغا بولغان ئىنتىلىش، يەنى كانتنىڭ <پاك ئىرادىسى> نىڭ تەدرىجىي ئەمەلگە ئاشۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ دەپ ھېسابلايتتى. ئۇلار سىنىپىي مۇرەسسەنى تەرغىپ قىلىپ، ماركىسزمنىڭ سىنىپىي كۈرەش ۋە پرولېتارىيات دىكتاتۇرىسى تەلىماتىغا قارشى تۇرغانىدى.