Uyghur主要词典
ئىت بورسۇق
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
زوئولوگىيە
سۈت ئەمگۈچى ھايۋان. تۈكلىرى كۈل رەڭ قورسىقى ۋە تۆت پۇتى قارا كېلىدۇ. بېشىدا توغرىسىغا كەتكەن ئۈچ تال يولى بولىدۇ. پۇتلىرىدا ئۇزۇن ھەم ئۆتكۈر كەلگەن تىرناقلىرى بولۇپ، توپا كولاشقا ماھىر كېلىدۇ. ئادەتتە تاغ - دالىلاردا ئۇۋا كولاپ ماكان تۇتىدۇ، كېچىسى ھەرىكەت قىلىدۇ. مايلىرىدىن چەككىلەپ ئېلىنغان ياغ بىلەن كۆيۈك يارىسىنى داۋالىغىلى بولىدۇ.