Uyghur主要词典
ئىتالىيە ئىسلام مەدەنىيىتى مەركىزى
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
ئىتالىيىدىكى مەملىكەتلىك ئىسلام مەدەنىيىتى ئورگىنى بولۇپ، باش شتابى رىمدا. ئىتالىيىدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ دىنىي تونۇشىنى قوغداشنى مەقسەت قىلدى. رىمدا چوڭ مەسچىت ۋە ئىسلام مەركىزى سالدى؛ مەدرىسە سالدى، ئىسلام دىنىنى تەشۋىق قىلىدىغان تېلېۋىزىيە پروگرامملىرىنى ئىشلىدى. ھەج قىلىشنى ۋە دىنىي بايراملارنى تەبرىكلەش پائالىيەتلىرىنى ئۇيۇشتۇردى. ئىسلام دىنىغا دائىر كىتابلارنى نەشر قىلدى. <خەۋەرلەر> ناملىق ئىككى ھەپتىلىك (ئەرەبچە، ئىنگلىزچە) ژۇرنال چىقاردى.