Uyghur←Chinese主要词典
ئىتالىيە مىللىي ئۇيۇشمىسى
领域: دۇنيا تارىخى意大利民族协会
yì dà lì mín zú xié huì
ⅨⅩ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرلىرىدىكى ئىتالىيەنىڭ سىياسىي تەشكىلاتى. بۇ تەشكىلاتنى مانىن، لافارىنا ۋە پاللاۋىكىنوترىۋولزىئو قاتارلىق كىشىلەر 1857 - يىلى قۇرغان. مانىن تۇنجى رەئىس بولغان. جەمئىيەتنىڭ مەقسىتى - ساردىنىيە كورۇلى رەھبەرلىك قىلغان بىرلىككە كەلگەن ئىتالىيە دۆلىتىنى قۇرۇشتىن ئىبارەت. مۇتەئەسسىپ لىبېراللار ئۆز كونتروللۇقىدىكى مىللىي ئازادلىق ھەرىكىتىدىن پايدىلىنىپ، ئىنقىلابىي دېموكراتچىلارنىڭ تەسىرىگە تاقابىل تۇرغان. بىر قىسىم جۇمھۇرىيەتچىلەر ماززىنىچىلارنىڭ مەغلۇپ بولغانلىقىدىن نارازى بولغانلىقى ئۈچۈن بۇ جەمئىيەتكە قاتناشقان. 1860 - يىلى جەمئىيەتنىڭ رەھبىرى لافارىنا، پاللاۋىكىنوترىۋولىزىئو قاتارلىق كىشىلەر گارىبالدىنىڭ جەنۇبىي ئىتالىيىدە دېموكراتىك جۇمھۇرىيەت قۇرۇشىدىن ساقلىنىش ۋە جەنۇبىي ئىتالىيىنىڭ ساردىنىيە پادىشاھلىقىغا قوشۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن كافورىنىڭ تاپشۇرۇقى بىلەن سىتسىلىيە ئارىلىغا بارغان. ⅩⅨ ئەسىرنىڭ 60 - يىللىرىنىڭ باشلىرىدا، ئىتالىيە پادىشاھلىقى قۇرۇلغاندىن كېيىن، ئۇيۇشما تارقىتىۋېتىلگەن.
关于该词条
这是一个维吾尔语–中文词典词条。
该词条来自 Lughet 收录的主要词典。
该词在 Lughet 收录的其他来源中也有释义 — 见下方列表。