Uyghur←Chinese主要词典
ئېسئېسچىلار
دۇنيا تارىخى
党卫军
dǎng wèi jūn
قىسقىچە نامى SS. ئەزالىرى قارا كىيىم كىيىدىغان بولغاچقا، قارا كىيىملىكلەر بولغاچقا، قارا كىيىملىكلەر ئەترىتى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. گېرمانىيە ناتسىستلار پارتىيىسىنىڭ ئىشپىيونلۇق تەشكىلاتى ۋە ھەربىي تەشكىلاتى. 1925 - يىلى قۇرۇلغان. دەسلەپ گىتلېرنىڭ مۇھاپىزەتچى ئەترىتى ۋە سىياسىي رەقىبلىرىگە تاقابىل تۇرىدىغان قورالى بولۇپ، دائىرىسى ناھايىتى كىچىك (تەخمىنەن 200 كىشى) بولغان، شتورۇمچى ئەترەتكە تەۋە بولغان. 1929 - يىلى 1 - ئايدا گىتلېر ئۇنىڭغا گىملېرنى باشلىق قىلىپ تەيىنلەپ، ئۇنى ھەدەپ تەرەققىي قىلدۇرغان. 1931 - يىلى ئاخبارات - بىخەتەرلىك ئىدارىسى قۇرۇپ، ئىشپىيونلۇق ھەرىكەت ئېلىپ بارغان. 1933 - يىلى 1 - ئايدا گىتلېر تەختكە چىققاندا، ئۇنىڭ ئادەم سانى 52 مىڭغا يەتكەن. 1934 - يىلى 6 - ئايدا گىتلېر ئۇنىڭغا تايىنىپ شتورۇمچى ئەترەتنى تازىلىغان ھەم ئۇنىڭ ئورنىنى ئىگىلىگەن. ئۇ مەخپىي ساقچى (يەنى گېستاپو)، <ئىسكىلىت> قوشۇن (لاگېرلارغا قاراشقا ئىشلىتىلىدۇ، ئىسكلىتنى بەلگە قىلغانلىقى ئۈچۈن شۇنداق ئاتالغان). قوراللىق ئېسئېسچىلار (ئۇرۇشتا ئىشلىتىلىدۇ، كېيىن كېڭىيىپ 35 دىۋىزىيە، 500 مىڭدىن ئارتۇق ئادەمگە يەتكەن) نى بىر تۇتاش باشقۇرغان. فاشىستىك تاجاۋۇزچىلىق ئۇرۇشىغا بىۋاستە قاتناشقاندىن باشقا، كوممۇنىستلارغا، دېموكراتىك تەرەققىيپەرۋەر زاتلارغا، يەھۇدىيلارغا، ئىشغالىيەت رايونىدىقكى ئاھالىگە ۋە ئەسىرلەرگە دەھشەتلىك ۋاسىتىلەر بىلەن زىيانكەشلىك قىلغان ھەم ئۇلارنى قىرغان. 1946 - يىلى نىيورىنبېرگ خەلقئارا ھەربىي سوتتا جىنايى تەشكىلات دەپ جاكارلانغان.