Uyghur主要词典
ئىستىسھاب
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
بۇ ئەرەبچە سۆزنىڭ ئەسلى مەنىسى <ھەمراھ بولۇش> <ئوخشاش بولۇش> دېگەنلىك بولۇپ، <مۇناسىۋەت ئىزدەش> دېگەن سۆز ئونىدا ئىشلىتىلگەن. فىقھەنىڭ قوشۇمچە پرىنسىپى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. بۇنى شافىئىييە ئىلمى ئېلىمى ئوتتۇرىغا قويغان، باشقا فىقھە ئېقىملىرى ۋە شىئە مەزھىپى داۋاملاشتۇرۇپ قوللانغان. ئىسپاتتىن خۇلاسە چىقىرىشنىڭ ئاساسىي پرىنسىپلىرىدىن بىرى ھېسابلىنىدۇ. يەنى ئەكسىچە ئىسپاتقا ئىگە بولۇشتىن ئىلگىرى بۇرۇن مەلۇم بولغان يەكۈننى ئاغدۇرۇۋېتىشكە بولمايدۇ. مەسىلەن، يوقاپ كەتكەن ئادەمنىڭ ئۆلۈپ كەتكەنلىكى ئىسپاتلىنىشتىن بۇرۇن ئۇنى ھايات دەپ بىلىش ھەمدە قانۇننى مۇشۇ ھۆكۈم بويىچە تەتقىق قىلىش، ئۇنىڭ مال - مۈلكىنى قانۇن بويىچە قوغداش، ئۇنىڭغا مىراس سۈپىتىدە پەرزەنتلىرى ۋارىسلىق قىلماسلىق لازىم.