Uyghur主要词典
ئېستروگېن
بىئولوگىيە
<ئېسترىن> ياكى <ئانىلىق گورمون> دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئاياللار ۋە چىشى ھايۋانلارنىڭ تۇخۇمدانىدىكى يېتىلگەن تۇخۇم پۈۋەكچىسى ۋە بالا ھەمراھى ئاجراتقان بىر خىل گورمونلارنىڭ ئومۇمىي نامى. ستېروئىد گورمونلارغا كىرىدۇ. ئېسترادىئولنىڭ رولى ئەڭ كۈچلۈك. ئېستروگېننىڭ ئاساسلىق روللىرى؛ (1) قوشۇمچە جىنسىي ئورگانلارنىڭ يېتىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، بالىياتقۇ (ماتكا) ئىچكى پەردىسىنىڭ قېلىنلىشىغا تۈرتكىلىك قىلىپ بالىياتقۇ دىۋارىنى قېلىنلىتىش، ۋاگىنا (جىنسىي يول) ئېپىتېلىيىسىنى ئۆستۈرۈش، سۈت بېزى نەيچىسىنىڭ ئۆسۈشىنى ئىلگىرى سۈرۈش قاتارلىقلار؛ (2) قوشۇمچە جىنسىي بەلگىلەرنىڭ شەكىللىنىشىگە تۈرتكىلىك قىلىش ھەم ئۇلارنى داۋاملاشتۇرۇپ ساقلاش. بۇ بەلگىلەر سۈت بېزىنىڭ تەرەققىي قىلىپ يوغىنىشى، داس سۆڭىكىنىڭ كېڭىيىشى، تېرە ئاستى ياغلىرىنىڭ كۆپىيىشى، ئاۋاز يۇقىرىلاش قاتارلىقلاردا ئىپادىلىنىدۇ. (3) ھايۋانلارنىڭ كۈيلىنىشىنى قوزغايدۇ. شۇڭا ئېستروگېن، يەنە كۈيلەش گورمونى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئەگەر تۇخۇمدان كېسىپ ئېلىۋېتىلسە تۇخۇم توشۇش نەيچىسى، بالىياتقۇ (ماتكا) ۋە سۈت بېزى قاتارلىقلار دەرھال قورۇلۇپ يىگىلەيدۇ، قوشۇمچە جىنسىي بەلگىلەرمۇ يوقىلىدۇ. بەزسىمان گىپوفىز ئاجراتقان تۇخۇم پۈۋەكچىسى ستىمۇلىننىڭ رولى ئاستىدا تۇخۇمداندىكى تۇخۇم پۈۋەكچىلىرى تەرەققىي قىلىپ يېتىلىپ ئېستروگېن ھاسىل قىلىدۇ ھەمدە تۇخۇم چىقىرىشتىن ئىلگىرى كۆپلەپ ئاجرىتىلىدۇ، لېكىن بەدەندىكى ئېستروگېنلار كۆپىيىپ كەتسە قايتۇرۇشچانلىق رولى بىلەن يەنە گىپوفىزنىڭ تۇخۇم پۈۋەكچىسى ستىمۇلىننى ئاجرىتىشنى تورمۇزلايدۇ. بۇ ئىككى گورموننىڭ ئۆزئارا رولى ئېستروگېن ئاجرىتىلىشىنىڭ نورمال سەۋىيىسىنى ساقلايدۇ. بۆرەك ئۈستى بېزى پوستلاق ماددىسى ۋە ئۇرۇقدانلارمۇ ئاز مىقداردا ئېستروگېن ئاجرىتالايدۇ.