Uyghur←Chinese主要词典
ئىستورىزم
دۇنيا تارىخى
历史主义
lì shǐ zhǔ yì
تارىخنى تەتقىق قىلىشتىكى نۇقتىئىنەزەر ۋە ئۇسۇل. بۇرژۇئازىيىچە ئىستورىزم ۋە ماركسىزمچە ئىستورىزم دەپ ئايرىلىدۇ. ⅩⅧ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا ئىتالىيىلىك ۋىكو، فرانسىيىلىك روسسو، گېرمانىيىلىك خېردېر قاتارلىقلارنىڭ راتسىئونالىزمغا بولغان تەنقىدلىرىدە بۇرژۇئازىيىچە ئىستورىزمنىڭ بىخلىرى شەكىللەنگەن. ئۇنىڭ ئىدىيىۋى سىستېمىسىنى ⅩⅧ ئەسىرنىڭ ئاخىرىدىن ⅩⅨ ئەسىرنىڭ باشلىرىغىچە، فرانسىيە بۇرژۇئا ئىنقىلابىغا قارشى تۇرۇش ئىيىدىيىۋى ئېقىمىنىڭ تەسىرى ئاستىدا، ئەنگلىيەلىك بۇكل، گېرمانىيىلىك خۇگو، ساۋىگنىي، گېگېل ھەم رانىكلار شەكىللەندۈرگەن. ئاساسلىقى ئىنسانىيەت تارىخى ھەم ئۇنىڭ ھەرخىل ئىپادىلىرى (مەسىلەن: تۈزۈم، مەدەنىيەت قاتارلىقلار) بىر تەبىئىي ئۆزگىرىش ۋە تەرەققىي قىلىش جەريانى بولۇپ، كېيىنكى دەۋر ئالدىنقى دەۋرگە ۋارىسلىق قىلغان بولىدۇ، ھازىرقى زامان تەرەققىيات جەريانىنىڭ پەللىسى، ھەرقايسى دەۋر، مىللەت، دۆلەت ھەتتا شەخسلەرنىڭ ھەممىسى تارىخىي شارائىت ياكى ئۆزىنىڭ خاس خاراكتېرىگە ئاساسەن ئۆزىنىڭ خاس ئالاھىدىلىكىنى ۋە قىممىتىنى ئىپادىلەيدۇ. لېكىن ئورتاق قانۇنىيەت مەۋجۇت ئەمەس؛ بارلىق تارىخىي شەيئىلەرنىڭ ھەممىسى <مەۋجۇتلۇق سەۋەبى> گە ئىگە، تارىخقا قاراشتا پەقەت <ھېسداشلىق>، <چۈشىنىش>، <ئوبيېكتىپ> پوزىتسىيىدە بولۇپ <ئەينەن بايان قىلىش، باھا قوشماسلىق كېرەك> دېگەنلەردىن ئىبارەت. ماركس ۋە ئېنگېلس بۇرژۇئازىيە ئىستورىزمغا تەنقىدىي ۋارىسلىق قىلىپ ھەمدە ئىنقىلابىي ئىسلاھ قىلىپ، ئىلمىي ئىستورىزمنى شەكىللەندۈردى. ئاساسلىقى: ئىنسانىيەت تارىخىنى ماتېرىيالىزملىق ئۇسۇل بىلەن تەھلىل قىلىپ، تارىخىي شەيئىلەرنىڭ (تۈزۈم، ئىدىيە، شەخس، ۋەقەلىك قاتارلىقلار) ھەممىسى بەلگىلىك تارىخىي شارائىت ئاستىدا ھاسىل بولىدۇ، تەرەققىي قىلىدۇ؛ كىشىلەر ھەرقانداق شەيئى ۋە ھادىسىلەرنى كۆزەتكەندە ۋە ئۇنىڭغا ھۆكۈم قىلغاندا ئۇنىڭ ھاسىل بولغان ۋە تەرەققىياتتا تايانغان كونكرېت تارىخىي شارائىتىنى چىقىش قىلىش كېرەك، مەسىلەن: تارىخىي ۋەقە ھەم تارىخىي شەخسلەرگە باھا بەرگەندە ھازىرقى تەلەپنى ئۆلچەم قىلماسلىق، رېئال مەسىلىنى بىر تەرەپ قىلغاندىمۇ سۇبيېكتىپ ئارزۇنى ئاساس قىلماستىن، بەلكى كونكرېت ۋاقىت، ئورۇن ۋە شارائىتقا قاراپ، كونكرېت تەھلىل قىلىش لازىم دەپ قارىغان، ماركسىزملىق ئىستورىزم تارىخنى ئومۇميۈزلۈك، ئوبيېكتىپ ۋە توغرا تونۇشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.
ئىستېتىكا
历史主义
lì shǐ zhǔ yì