Uyghur主要词典
ئىستېلاچىلىق
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
باشقىلارنىڭ دۆلىتىنى، يېرىنى قورال كۈچى بىلەن بېسىۋېلىش ھەم شۇنداق مەقسەتتە ئېلىپ بارغان ئىش - ھەرىكەت، پائالىيەت، سىياسەت؛ ئىشغالىيەت، تاجاۋۇزچىلىق.
ئىستېلاچىلىق سىياسىتى. ئىستېلاچىلىق يولى.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئەرەبچە
<س ئىق> كىشىلەرنىڭ ماددىي ئەشيالارنى سەرپ قىلىپ تۇرمۇش ئېھتىياجىنى قامداش جەريانى. ئۇ ئىشلەپچىقىرىش ئىستېمالى ۋە شەخسىي ئىستېمالدىن ئىبارەت ئىككى خىل بولىدۇ. ئۇ ئىجتىمائىي تەكرار ئىشلەپچىقىرىش جەريانىنىڭ بىر ھالقىسىدۇر.
ئىشلىتىش، قوللىنىش، پايدىلىنىش.
ئىستېمال ماللىرى. ئىستېمالدىكى سۆزلەر. ئىستېمالدىن قالغان سۆزلەر.
يېيىش - ئىچىش، قوبۇل قىلىش.
گۆش ئىستېمال قىلىش. دورا ئىستېمال قىلىش.