Uyghur←Chinese主要词典
ئىستاھر
دۇنيا تارىخى
伊斯泰赫里
yī sī tài hè lǐ
مىلادى Ⅹ ئەسىردىكى جۇغراپىيونى، ئىراننىڭ ئىستەھر (يەنى پېرىسېپولىس) دېگەن يېرىدە تۇغۇلغان بولغاچقا، شۇنداق دەپ ئاتالغان. ئىران، شىمالىي ئافرىقا، سىتسىلىيە ئارىلى ۋە ئىسپانىيەنىڭ ھەرقايسى جايلىرىنى ساياھەت قىلغان، ئۆزىنىڭ كۆرگەن - ئاڭلىغانلىرى ۋە ھۆججەت ماتېرىياللارغا ئاساسەن، تەخمىنەن 950 - يىلى <بەگلىكلەر تەزكىرىسى> نى يازغان ھەمدە بۇنىڭغا جايلارنىڭ رەڭلىك خەرىتىسىنى قوشۇمچە قىلغان. كېيىن، زامانداش ئەرەب جۇغراپىيونى ئىبنى قاۋقال بۇ كىتابنى تۈزىتىپ بېكىتكەن ۋە ئۆز نامىدا ئېلان قىلغان. كىتاب نامى <بەگلىكلەر، يوللار ۋە ئۆلكىلەر> دەپ ئۆزگەرتىپ، ئۇنىڭغا ھىندىستاندىن ئىسپانىيىگىچە بولغان ئىسلام دۇنياسىنىڭ سىياسىي ۋە جۇغراپىيىۋى ئەھۋالىنى كىرگۈزگەن، بۇ ناھايىتى قىممەتلىك كىتابتۇر.