Uyghur主要词典
ئىسسىقلىق
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
قىززىقلىق، ئىسسىق ھالەت.
<فىز> جىسىمنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى مولېكۇلىلارنىڭ تەرتىپسىز ھەرىكىتى چىقارغان بىر خىل ئېنېرگىيە. ماددىلار كۆيگەندە ئىسسىقلىق چىقىرىدۇ. ئادەتتە ئۇ ئىسسىقلىق ئىلمى، ئىسسىقلىق مىقدارى ۋە ئىسسىقلىق ئېنېرگىيىسىنىڭ قىسقارتىلغان نامى ئورنىدىمۇ قوللىنىلىدۇ.
ئۇيغۇرلارنىڭ توي - تۆكۈن، ئۆلۈم - يېتىم ۋە تۇغۇت قاتارلىق ئىشلىرىدا تەييارلىنىدىغان يۇقىرى كالورىيىلىك ئوزۇقلۇق، تائام.
ئىسسىقلىق ئېلىپ بارماق. ئىسىسقلىق يەتكۈزمەك.
مىللىي تېبابەتتە كىشىنىڭ سوغۇقى ئېشىپ كەتكەندە مىجەزنى تەڭشەش ئۈچۈن قىلىنىدىغان تۈرلۈك دورا - دەرمەكلەر.
ئىسسىقلىق قىلماق.
<تېب> بىر خىل تېرە كېسىلى. بۇنىڭدا، ياز كۈنلىرى تېرىگە قىزىل ياكى ئاق رەڭدىكى ئۇششاق قاپارتمىلار ئۆرلەيدۇ. ناھايىتى تاتلىق قىچىشىدۇ. كۆپىنچە تەر كۆپ چىققان، تېرە پاكىز بولماي، تەر تۆشۈكچىلىرىنىڭ ئېتىلىپ قېلىشى سەۋەبلىك پەيدا بولىدۇ.