Uyghur←Chinese主要词典
ئىسسىق بەلباغ يامغۇرلۇق ئورمىنى
领域: بىئولوگىيە热带雨林
rèdàiyǔlín
ئىسسىق بەلباغدىكى كىلىماتى يىل بويى نەمخۇش تۇرىدىغان رايونلاردا ئۆسىدىغان، دائىم يېشىل تۇرىدىغان دەرەخلەر تۈركۈمى. ئىسسىق بەلباغ يامغۇرلۇق ئورمىنى ئادەتتە تېمپېراتۇرىسى نىسبەتەن يۇقىرى، يامغۇر مىقدارى يېتەرلىك ھەمدە بىر يىلنىڭ ھەممە ۋاقتىغا تەكشى تارقالغان رايونلارغا تارقىلىدۇ. بۇ رايونلارنىڭ يىللىق ئوتتۇرىاچە تېمپېراتۇرىسى 25 - 30 سىلتسىيە گرادۇس، يىللىق يامغۇر يېغىش مىقدارى تەخمىنەن 2000 - 4000 مىللىمېتىر كېلىدۇ. ئۇ يەر شارىدا ئەڭ باراقسان قويۇق ئۆسكەن ئۆسۈملۈكلەر تۈركۈمى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئۇنىڭ ئاساسلىق ئالاھىدىلىكى ئۆسۈملۈك تۈرى ئىنتايىن كۆپ، ئورمان تاجى ۋە رەڭگى بىردەك ئەمەس، قەۋەت سانى كۆپ، قەۋەتلەرگە بۆلۈنۈشى ئېنىق ئەمەس، دەرەخ غولى ئېگىز ھەم تۈز، قوۋزىقى پارقىراق، رەڭگى سۇس ھەم نېپىز، چوڭ دەرەخلەرنىڭ يىلتىزى تاختىسىمان بولۇپ تىرەك يىلتىز ۋە ھاۋا يىلتىزى بولىدۇ؛ دائىم يېشىل تۇرىدۇ، يوپۇرمىقى چوڭ بولىدۇ، قېرى غولىدىن گۈل ھاسىل بولىدۇ؛ يېپىشىپ ياشايدىغان، پارازىتلىنىدىغان ئۆسۈملۈكلەر، پېلەكلىك ئۆسۈملۈكلەر تەرەققىي قىلىدۇ، كۆپىنچىسى ياغاچ غوللۇق بولىدۇ، ھەمدە سىرتماقلىق ئۆسۈملۈكلەرمۇ ئۇچرايدۇ. تەيۋەننىڭ جەنۇبىي قىسمى، خەينەن ئارىلى، يۈننەننىڭ جەنۇبىي قىسمىدىكى دەريا ئاغزى ھەمدە شىشۇاڭبەننادا ئىسسىق بەلباغ يامغۇرلۇق ئورمىنى بار. ئۇلارنىڭ ئېگىزلىكى 40 مېتىردىن ئېگىز بولۇپ، ئاساسلىق دەرەخلەردىن جۇڭگو چىنارى ئائىلىسى، ئازادى دەرىخى ئائىلىسى، دىپتېرو كارپاس ئائىلىسى، ئۈجمە ئائىلىسى، پۇرچاق ئائىلىسىدىكى ئۆسۈملۈكلەر بولىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە رويان ئائىلىسى، ئاننونا دەرىخى ئائىلىسى ۋە پالما ئائىلىسىدىكى ئۆسۈملۈكلەر ئىنتايىن مول، سامان غوللۇق قەۋىتىدە پاپوروتنىكلار كۆپرەك. ئىسسىق بەلباغ يامغۇرلۇق ئورمىنىنىڭ بىرلىك يۈزىنىڭ بىرلىك ۋاقىت ئىچىدە ئىشلەپچىقىرىدىغان يېپىنچا ئۆسۈملۈك ئۈنۈمى ئەڭ يۇقىرى. ئورمانلىق ئىچىدە كۆپ خىل ئىقتىسادىي قىممىتى نىسبەتەن يۇقىرى بايلىق مەنبە ئۆسۈملۈكلىرى ئۆسىدۇ، ئۇلار ئەتىۋارلىق ياغاچ ماتېرىياللىرى، دورىلىق ئۆسۈملۈكلەر ۋە مېۋە - چېۋىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. كەلگۈسىدە تەتقىق قىلىشنىڭ چوڭقۇرلىشىشىغا ئەگىشىپ ئىسسىق بەلباغ يامغۇرلۇق ئورمىنىنىڭ تېخىمۇ كۆپ سىرى ئېچىلىپ، دۆلەت ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىياتىدا تېخىمۇ مۇھىم رول ئوينىغۇسى. ھازىر ئىسسىق بەلباغ يامغۇرلۇق ئورمان رايونىدا برازىلىيە كاۋچۇك دەرىخى، نارجىل، خىنىن دەرىخى، ماي پالمىسى، كاكائو، قەھۋە دەرىخى، كاۋاۋىچىن ۋە خەينەن مايلىق زەرنەپو دەرىخى قاتارلىق ھەرخىل ئىقتىسادىي ئۆسۈملۈكلەر ئۆستۈرۈلۈۋاتىدۇ. كۆپ ئۇچرايدىغان مېۋە - چېۋە دەرەخلىرى تېخىمۇ كۆپ.
关于该词条
这是一个维吾尔语–中文词典词条。
该词条来自 Lughet 收录的主要词典。
该词在 Lughet 收录的其他来源中也有释义 — 见下方列表。