Uyghur主要词典
ئىسراپخور
مەنىداش سۆزلۈكلەر
پۇل - مال، نەرسە - كېرەكنى ئورۇنسىز خەجلەپ، بۇزۇپ - چاچىدىغان.
بېخىل ئاتىنىڭ ئوغلى بەتخەج بولار. ئىسراپخور دۆلەت پۇلى بىلەن مەردلىك قىلىدۇ.
قارشى مەنىلىك سۆزلەر
پۇل - مالنى بۇزۇپ چېچىپ زايا قىلىدىغان. ئىسراپخور ئادەم، بەتخەج بالا
ئىقتىسادچىل، تېجەشلىك
پۇل - مالنى تېجەپ ئىشلىتىدىغان، ئىقتىسادقا رىئايە قىلىدىغان. ئىقتىسادچىل ئادەم، تېجەشلىك ئانا
بەتخەجلىك بەتبەختلىك بىلەن بىر مەنىدە. ئىشچاننىڭ پۇلى تۈگىمەس، بەتخەجنىڭ قەرزى (تۈگىمەس). تېجەشلىك ئادەم قىيىن ئۆتكەلدىن ئاسان ئۆتەر. دادىسى بېخىلنىڭ بالىسى بەتخەج.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
سۈپ. يېمەك - ئىچمەك، پۇل قاتارلىقلارنى ئورۇنسىز بۇزۇپ - چېچىپ زايە قىلغۇچى؛ ئارتۇقچە سەرپ قىلغۇچى.
ئىسراپخور ئادەم.
ئۇنىڭ نومۇسسىز، پىخسىق ئىكەنلىكى ۋە يەنە چوڭ ئىسراپخور ئىكەنلىكىنى ھەممە ئادەم بىلىدۇ.
ئى. ئىسراپ قىلىدىغان ياكى قىلغان كىشى.
سەن ئىسراپخورلاردىن بولما، ھەتتا ئىسراپخورلار بىلەن ھەمسۆھبەتتىمۇ بولما، چۈنكى ئامەت كەلسە بىر سەۋەب بىلەن كېلىدۇ.