Uyghur主要词典
ئىسپات
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئىش ھەرىكەتنىڭ توغرىلىقىنى تەستىقلايدىغان پاكىت.
شەيتانغا كېرەك بولسا قۇرئاندىن دەلىل كەلتۈرەر. گەپكە ئۇستىلىق ھەقىقىي بىلىملىكنىڭ ئىسپاتى بولماس.
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
دېلونىڭ ھەقىقىي ئەھۋالىنى دەلىللەيدىغان ھەممە پاكىتلار كۆزدە تۇتۇلىدۇ. تارىختىكى ئىسلام شەرىئىتىدە گۇۋاھچىنىڭ ئاغزاكى ئىسپاتىغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىلىپ، يازما ئىسپات ۋە ماددىي ئىسپات قوبۇل قىلىنمىغان. سودا، قەرز ئىشلىرى توغرىسىدا شىكايەتلەرنىڭ كۈنسايىن كۆپىيىشى بىلەن يازما ئىسپات شەكلى قوبۇل قىلىندى. يېقىنقى زاماندىن كېيىن سوراق ۋە ھۆكۈم تەرتىپىنىڭ كۈنسايىن مۇكەممەللىشىشىگە ئەگىشىپ، ئادەم ئىسپاتى، ماددىي ئىسپات، قوشۇمچە ئىسپاتلار كۈچكە ئىگە بولىدىغان بولدى.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئەرەبچە
پىكىر، دەۋا، پەرەز ۋە شۇ قاتارلىقلارنىڭ توغرىلىقىنى، ھەقىقىي ئىكەنلىكىنى ياكى يۈز بەرگەن ھادىسىنىڭ چىنلىقىنى دەلىللەيدىغان پاكىت، ھۆججەت؛ دەلىل.
ئىسپات ئالماق.
سودىگەرنىڭ ئاچچىقى كېلىپ: - نېمە ئىسپاتىڭىز بار؟ - دەپ سوراپتۇ.
بىرەر قائىدە ياكى دەۋانىڭ توغرىلىقىنى باشقا مەلۇم قائىدىلەر ئاساسىدا مەنتىقىي مۇلاھىزە ۋە دەلىللەر بىلەن تەستىقلاش ئۇسۇلى، سىستېمىسى.
ئۇ دەۋانى قانۇنىي جاۋابكارلىققا تارتىش ئۈچۈن ئىسپات تولۇق بولۇشى كېرەك.