Uyghur主要词典
ئىسپانىيىنىڭ پادىشاھلىق تەختىگە ۋارىسلىق قىلىش ئۇرۇشى
دۇنيا تارىخى
1701 - 1714 - يىللىرى، ئەنگلىيە بىلەن فرانسىيە ئىسپانىيىنىڭ پادىشاھلىق تەختىگە ۋارىسلىق قىلىش مەسىلىسىدىن پايدىلىنىپ، ئىسپانىيە ۋە ئۇنىڭ مۇستەملىكىلىرى ھەمدە دېڭىزدا زومىگەرلىك قىلىش ھوقۇقىنى تارتىۋېلىش ئۈچۈن ئېلىپ بارغان ئۇرۇش. ئىسپانىيە كورۇلى كارلوس 2 (1661 - 1700) ئۆلگەندىن كېيىن ۋارىسسز قالغان. فرانسىيە پادىشاھى لۇئى ⅩⅣ، ئاۋسترىيە كوۇرلى لېئوپولد Ⅰ باۋارىيىنىڭ پادىشاھ سايلىمىغا قاتنىشىدىغان كىنەزى فېردىناند (؟ - 1699) پادىشاھلىق تەختىنى تالاشقان. ئىسپانىيە كورۇلى كارلوس Ⅱ ئىمپېرىيىنىڭ پارچىلىنىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، ۋەسىيەت قالدۇرۇپ، فرانسىيە كورۇلى لۇئى ⅩⅣ نىڭ نەۋرىسى، ئانجو گرافى فىلىپ (1683 - 1746) نى ئۆزىنىڭ بىردىنبىر ۋارىسى قىلىپ بېكىتكەن، لېكىن ئىسپانىيە بىلەن فرانسىيىنى بىرلەشتۈرۈۋېتىشكە بولمايدۇ، دەپ بەلگىلىگەن. فرانسىيە كورۇلى نەۋرىسى فىلىپنى ئىسپانىيە كورۇلى دەپ جاكارلاپ، فىلىپ Ⅴ دەپ ئاتاپ ھەمدە ئالاھىدە يارلىق چۈشۈرۈپ، فىلىپنىڭ فرانسىيىنىڭ پادىشاھلىق تەختىگە ۋارسىلىق قىلىش ھوقۇقى بارلىقىنى ئېتراپ قىلغان. ئەنگلىيە بىلەن گوللاندىيە دەرھال فرانسىيىگە قارشى ئاۋسترىيە بىلەن ئىتتىپاق تۈزگەن. مەزكۇر ئىتتىپاققا ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ پرۇسسىيە، گېرمانىيە بەگلىكلىرى، پورتۇگالىيە ۋە ساۋويىيە قاتناشقان. فىلىپنىڭ باشقۇرۇشىدىكى ئىسپانىيە ھەمدە باۋارىيە ۋە كيولىندىكى كورۇل سايلىمىغا قاتنىشىدىغان ئىككى كىنەز فرانسىيە تەرەپتە تۇرغان. ئۇرۇش 1701 - يىلى 3 - ئايدا پارتلاپ، ئاساسەن ئىتالىيە، نىدېرلاندىيە، گېرمانىيە ۋە ئىسپانىيىدە ئېلىپ بېرىلغان. ئامېرىكا قىتئەسىدە كورۇلىۋا ئاننې ئۇرۇشى دەپ ئاتالغان. فرانسىيە ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىسىمۇ لېكىن تولۇق مەغلۇپ بولمىغان. 1711 - يىلى ئاۋسترىيە باش كىنەزى كارل قېرىندىشى ئۆلۈپ كەتكەچكە، ئاۋسترىيىنىڭ خانلىق تەختى ۋە مۇقەددەس رىم ئىمپېرىيىسىنىڭ پادىشاھلىق تەختىگە ۋارىسلىق قىلىپ كارل Ⅵ دەپ ئاتالغان. ئەنگلىيە بىلەن گوللاندىيە ئۇنىڭ ئىسپانىيىنىڭ ھۆكۈمرانلىق ھوقۇقىغا ئىگە بولۇۋېلىشىنى قوللاشنى خالىماي، فرانسىيە بىلەن ئۇرۇش توختىتىش سۆھبىتىنى جىددىيلەشتۈرگەن ھەمدە باشقا ئىتتىپاقداش دۆلەتلەرنى سۈلھ تۈزۈشكە دەۋەت قىلغان. 1730 - يىلى <ئۇترېخت سۈلھ شەرتنامىسى> ئىمزالىنىپ، ئىككىنچى يىلى ئۇرۇش ئاياغلاشقان. ئەنگلىيە دېڭىز ئۈستىدىكى ۋە مۇستەملىكىلەردىكى تەسىر كۈچىنى كۈچەيتكەن، فرانسىيىنىڭ تەسىر كۈچى ئاجىزلاشقان.