ئىسىملاشماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[كەسىپ تۈرى:]>تىل-يېزىق<[يەشمىسى:] ئۆزىنىڭ ئەسلىي سۆز تۈركۈمىگە خاس خۇسۇسىيىتىنى پۈتۈنلەي ياكى قىسمەن يوقىتىپ، ئىسىمغا ئۆزگەرمەك، ئىسىم ئورنىدا قوللىنىلماق، ئىسىملىق خۇسۇسىيەتكە ئىگە بولماق:[مىسال:] بەزى ئىملىق سۆزلەر ئىسىملىشىپ، ئىسىم رولىدا قوللىنىلىشى مۇمكىن.