Uyghur←Chinese主要词典
ئىسلاھاتچىلىق
ئۇنىۋېرسال
(ئى)
gǎi liáng zhǔ yì
改良主义
دۇنيا تارىخى
改良主义
gǎi liáng zhǔ yì
بۇرژۇئا ئىسلاھاتچىلىقى ياكى ئىجتىمائىي ئىسلاھاتچىلىق دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئادەتتە ئىشچىلار ھەرىكىتىدە كاپىتالىستىك تۈزۈم ئاساسىغا دەخلى يەتكۈزمەيدىغان دائىرىدە ئۇششاق - چۈششەك ئىجتىمائىي ئىسلاھات ئېلىپ بېرىشنى تەشەببۇس قىلىپ، پرولېتارىيات ئىنقىلابىغا قارشى تۇرىدىغان بۇرژۇئازىيە ۋە ئۇششاق بۇرژۇئازىيە پىكىر ئېقىمىنى كۆرسىتىدۇ. ئىسلاھاتچىلىق ⅩⅨ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرلىرىدا ئالدى بىلەن كاپىتالىزم ئەڭ بالدۇرقى تەرەققىي قىلغان، ئىشچىلار ھەرىكىتى جۇش ئۇرۇپ ئەۋج ئالغان ئەنگلىيە ۋە فرانسىيىدە تارقالغان. ⅩⅨ ئەسىرنىڭ ئاخىرى ۋە ⅩⅩ ئەسىرنىڭ باشلىرىغا كەلگەندە كاپىتالىستىك دۆلەتلەرگە كەڭ تارقالغان. ئىسلاھاتچىلىق بۇرژۇئازىيە بىلەن پرولېتارىيات مەنپەئىتىنىڭ تۈپتىن قارىمۇ قارشى ئىكەنلىكىنى يوققا چىقىرىدۇ. بۇرژۇئا دۆلىتىنىڭ ئەكسىيەتچىل ماھىيىتىنى يېپىپ، ئۇنى سىنىپتىن تاشقىرى قورال قىلىپ تەسۋىرلەيدۇ. سىنىپىي مۇرەسسە ۋە سىنىپىي ھەمكارلىقنى كۆككە كۆتۈرىدۇ. پرولېتارىياتنىڭ ئىش تاشلاش ۋە قوراللىق كۈرەش قاتارلىق ۋاسىتىلەرنى قوللىنىپ، سىنىپىي كۈرەش ئېلىپ بېرىشىغا قارشى تۇرىدۇ. سىنىپىي تىنچلىق خام خىيالىنى تارقىتىپ، پرولېتارىيات ئومۇم سايلام ھوقۇقىنى قولغا كەلتۈرسىلا، بۇرژۇئازىيىنىڭ پارلامېنت يولى ياكى چوڭ كارخانىلارنى <دۆلەت ئىختىيارىغا ئېلىش> قاتارلىق ئىقتىسادىي ئىسلاھات تەدبىرلىرىنى يولغا قويۇش ئارقىلىق، سوتسىيالىزمغا <تىنچ ئۆسۈپ كىرەلەيدۇ> دېگەننى تەرغىپ قىلىدۇ. مۇنبەر سوتسىيالىستلىرى، فاييان سوتسىيالىستلىرى ۋە ئىشچىلار ھەرىكىتىدىكى بەزى ئوڭچىل ئاغمىچىلار، مەسىلەن: پرودون، لاسسال، بېرنىشتېيىن قاتارلىقلار ئىسلاھاتچىلىنى كۈچىنىڭ بارىچە كۆككە كۆتۈرۈپ، پرولېتارىيات ئىنقىلابى ۋە پرولېتارىيات دىكتاتۇرىسىغا قارشى تۇرغاچقا، ماركسىزمچىلارنىڭ ئۈزلۈكسىز پاش قىلىشى ۋە تەنقىد قىلىشىغا ئۇچرىغان.
مائارىپ,ئۇنىۋېرسال,قانۇنشۇناسلىق
改良主义
gǎi liáng zhǔ yì