Uyghur主要词典
ئىسكىلات
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئاشلىق، مال، نەرسە - كېرەك قويىدىغان، ساقلايدىغان ئۆي.
«ساڭ» ئادەتتە ئاشلىق ساقلايدىغان ئۆينى كۆرسىتىدۇ.
«كۇفاك» كۆپرەك ئىدارە، تەشكىلاتلاردا نەرسە - كېرەك ساقلايدىغان ئۆي. خەنزۇچە: 库房
ئامباردا بولسا، قازاندا بولىدۇ. كۇفاڭدا كۈن ئالىدىغان چاچقاندەڭ. كىتاب ئال، ئوقۇ، ئۆيۈڭ كىتاب ئىسكىلاتى بولۇپ قالمىسۇن. ساڭنى ساق ساقلا.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
روسچە
دىن
ئاشلىق ياكى زور مىقداردىكى ماددىي ئەشيالار ساقلىنىدىغان ئۆي، ئامبار.