Uyghur←Chinese主要词典
ئىشخارا كانجى
دۇنيا تارىخى
石原莞尔
shí yuán wǎn ěr
(1889 - 1949) ياپونىيىنىڭ قۇرۇقلۇق ئارمىيە گېنېرال لېيتېنانتى. <18 - سېنتەبر> ۋەقەسىنى پىلانلىغۇچىلارنىڭ بىرى. 1918 - يىلى قۇرۇقلۇق ئارمىيە داشۆسىنى پۈتتۈرگەن. 1922 - يىلى گېرمانىيىگە ئوقۇشقا چىققان، ناپولېئون، مولتكې قاتارلىق كىشىلەرنىڭ ھەربىي ئىدىيىسىنى تەتقىق قىلغان. 1928 - يىلى كانتون ئارمىيىسىنىڭ ئۇرۇش قىلغۇچى مۇدىر شتاب باشلىقلىقىنى ئۈستىگە ئېلىپ، جۇڭگونىڭ شەرقىي شىمالىنى بېسىۋېلىش ھەققىدە داۋراڭ سالغان. 1931 - يىلى ئىتاگاكى سېيشرو قاتارلىقلار بىلەن <18 - سىنتەبر> ۋەقەسىنى پىلانلاپ، قورچاق مانجۇرىيىنى ئويدۇرۇپ چىققان. 1932 - يىلى ماتسۇئوكايوئۇ بىلەن بىرگە جەنۋە خەلقئارا ئىتتىپاق يىغىنىغا قاتنىشىپ، ياپونىيىنى خەلقئارا ئىتتىپاقتىن چېكىنىپ چىقىشقا قۇتراتقان. 1937 - يىلى 3 - ئايدا باش شتابنىڭ جەڭگىۋار بۆلۈمىنىڭ باشلىقى بولغان. جۇڭگوغا تاجاۋۇز قىلىشنى كېڭەيتمەسلىكنى تەشەببۇس قىلغان. شۇ يىلى 9 - ئايدا كانتون ئارمىيىسىنىڭ مۇئاۋىن شتاب باشلىقى بولغان. 1939 - يىلى 16 - دىۋىزىيىنىڭ باشلىقى بولغان. 1941 - يىلى 3 - ئايدا زاپاس قىسىمغا كىرگۈزۈلگەن. تىنچ ئوكيان ئۇرۇشى مەزگىلىدە شەرقىي ئاسىيا ئىتتىپاقىغا رەھبەرلىك قىلغان. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن توكيو سوتى ۋاقتىدا، گۇۋاھچى سۈپىتىدە سوتقا قاتنىشىپ ئەيىبلەنمەي تۇرۇپلا جىنايىتىدىن قېچىپ قۇتۇلغان. ئۇنىڭ <دۇنيانىڭ ئەڭ ئاخىرقى ئۇرۇشى ھەققىدە>، <دۆلەت مۇداپىئە سىياسىتى توغرىسىدا>، <نىچىرىن دىنى ھەققىدە دەسلەپكى ساۋات> ناملىق ئەسەرلىرى بار.