Uyghur主要词典
ئىشىكنى ئېچىۋېتىش سىياسىتى
دۇنيا تارىخى
ئامېرىكىنىڭ جۇڭگوغا تاجاۋۇز قىلىشتىكى بىر خىل سىياسىتى. ⅨⅩ ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدا، غەربتىكى كۈچلۈك دۆلەتلەر جۇڭگودا بەس - بەس بىلەن يەر ئىجارىگە ئېلىپ، تەسىر دائىرىسىنى بۆلۈشۈۋالغان. 1899 - يىلى 9 - ئايدا، ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى جون مىلتون (1838 - 1905) ئەنگلىيە، فرانسىيە، گېرمانىيە، ياپونىيە، ئىتالىيە ۋە روسىيىگە نوتا تاپشۇرۇپ، ئۇلارنىڭ جۇڭگودىكى تەسىر دائىرىسىنى ئېتىراپ قىلغان. شۇنىڭ بىلەن بىللە ئامېرىكىنىڭ مۇشۇ تەسىر دائىرىسىدە سودا ئەركىنلىكى، باراۋەر باج نىسبىتى ۋە بارلىق ئىمتىيازغا ئىگە بولۇشنى تەلەپ قىلغان. 1900 - يىلى 7 - ئاينىڭ 3 - كۈنى ئۇ ئالتە دۆلەت ھۆكۈمەتلىرىگە يەنە بىر قېتىم نوتا تاپشۇرۇپ، جۇڭگو زېمىنىنىڭ پۈتۈنلۈكىنى ۋە مەمۇرىي بىرلىكىنى قوغداش بىلەن بىللە كۈچلۈك دۆلەتلەرنىڭ جۇڭگودىكى ھوقۇق - مەنپەئىتىنى قوغداش ۋە جۇڭگونىڭ ھەممە جايلىرى بىلەن ئادىل سودىلىشىشقا كاپالەتلىك قىلىش پرىنسىپىنى ئوتتۇرىغا قويغان، دېگەن <ئىشىكنى ئېچىۋېتىش سىياسىتى> دېگەن ئەنە شۇ. دەسلەپتە كۈچلۈك دۆلەتلەر بۇنى ئاشكارا ئېتىراپ قىلمىغان. كۈچلۈك دۆلەتلەر 1922 - يىلدىكى ۋاشىنگتون يىغىنىدىلا رەسمىي ئېتراپ قىلغان. كۈچلۈك دۆلەتلەرنىڭ جۇڭگوغا تاجاۋۇز قىلىش سىياسىتى سۈپىتىدە <توققۇز دۆلەت ئەھدىنامىسى> گە كىرگۈزۈلگەن.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
سىياسىي ئىقتىساد
بىر دۆلەتنىڭ چەت ئەل بىلەن تاۋار، تېخنىكا، بايلىق ۋە مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشقا ئىلھام بېرىش ئۈچۈن قوللانغان سىياسىتى.