Uyghur主要词典
ئىشەنچسىز ھەدىس
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
مەزمۇنى ۋە ئىسنادىغا ئاساسەن ئايرىلغان ھەدىسلەرنىڭ بىر تۈرى بولۇپ، مەزمۇنى ھەر تەرەپلىمە ئويلىنىشتىن ئۆتەلمەيدىغان، گۇمانلىق جايلىرى كۆپ ياكى بىردىن ئارتۇق رىۋايەت قىلغۇچىسى ئىشەنچلىك بولمىغان ياكى ئېتىقادى چىڭ بولمىغانلارنىڭ رىۋايەت قىلغان <ھەدىسلىرى> كۆزدە تۇتۇلىدۇ. بۇنداق ھەدىسلەر ساختا ھەدىس بولمىسىمۇ، لېكىن، چىن ھەدىس ۋە ياخشى ھەدىستىن كۆپ ناچار ھەدىس ھېسابلىنىدۇ. بۇنداق ھەدىسلەرنىڭ ئىسلام ئىلمى تەتقىقاتىدا قىلچە قىممىتى بولمايدۇ، بۇنداق ھەدىسلەر ئادەتتە ئىشلىتىلمەيدۇ.