Uyghur←Chinese主要词典
ئىشچىلار ھەرىكىتى بىرلەشمىسى
领域: دۇنيا تارىخى工人运动联合会
gōng rén yùn dòng lián hé huì
ھىندۇنېزىيىدىكى تەرەققىيپەرۋەر ئىشچىلار ئۇيۇشمىلىرىنىڭ تۇنجى بىرلەشمە تەشكىلاتى. ⅩⅩ ئەسىرنىڭ 20 - يىللىرىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە، ئىشچىلار ھەرىكىتى ئەۋج ئېلىپ، ھەرقايسى كەسىپلەردە ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى كەينى - كەينىدىن قۇرۇلغان. 1919 - يىلى شەرقىي ھىندۇنېزىيە سوتسىيال - دېموكراتلار ئىتتىپاقى ۋە ئىسلام دىنى ئىتتىپاقىدىكى ئىنقىلابچىلارنىڭ تۈرتكىسى بىلەن، ھەرقايسى ئىشچىلار ئۇيۇشمىلىرىنىڭ ۋەكىللىرى يوگياكارتادا ئۇچرىشىپ، ھىندۇنېزىيە ئىشچىلار ھەرىكىتى بىرلەشمىسى قۇرۇشنى قارار قىلغان. بۇ بىرلەشمىگە 22 يەرلىك ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى تەشكىلاتى قاتناشقان بولۇپ، ئۇنىڭ ئەزاسى 72 مىڭ كىشىگە يەتكەن. بۇ بىرلەشمىنىڭ قۇرۇلغانلىقى ئىش تاشلاش ھەرىكىتىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرگەن، مەسىلەن:1920 - يىلى 8 - ئايدا شەرقىي ياۋا ۋە غەربىي ياۋادىكى شېكەرچىلىك سانائىتى بويىچە نەچچە مىڭ ئىشچى كەڭ كۆلەمدە ئىش تاشلىغان؛ 9 - ئايدا سۇماتاردىكى رېلى تۆمۈر يول شىركىتىنىڭ ئىشچىلىرى ۋە يالقۇنتاغ باداف نېفىت شىركىتىنىڭ ئىشچىلىرى ئىش تاشلىغان؛ 11 - ئايدا، سۇرابايا دېلورك شىركىتىنىڭ ئىشچىلىرى ئىش تاشلىغان. 1921 - يىلى سېماراڭ مەتبەئەچىلىك ئىشچلىرى ئىش تاشلىغان. 1921 - يىلى يوگگاكارتا ئىشچىلار ھەرىكىتى بىرلەشمىسى ۋە سېماراڭ ئىنقىلابى مەركىزىي ئىشچى - خىزمەتچىلەر ئۇيۇشمىسى بولۇپ بۆلۈنگەن.
关于该词条
这是一个维吾尔语–中文词典词条。
该词条来自 Lughet 收录的主要词典。
该词在 Lughet 收录的其他来源中也有释义 — 见下方列表。