Uyghur主要词典
ئىسھاق
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
(ⅥⅩ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرى پائالىيەت قىلغان) شىنجاڭدىكى قارا تاغلىقلار مەزھىپىنى قۇرغان ئادەم. تولۇق ئىسمى <ھەزرىتى ئىسھاق ۋەلى>، <ھەزرەت> ۋە <ۋەلى> دەپمۇ ئاتىلىدۇ، مەھدۇم ئەزەمنىڭ يەتتىنچى ئوغلى. <تەزكىرەئى خوجىگان> دا بايان قىلىنىشىچە، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ 22 - ئەۋلادىمىش. ياش چاغلىرىدا بۇخارادا ئىشان ئەقىدىسىنى ئۆگەنگەن. كېيىن ئافغانىستان، ئىران قاتارلىق جايلارغا بېرىپ دىننى تەبلىغ قىلغان. لېكىن سەمەرقەنتكە قايتىپ كەلگەندە قاسىم شەيخ تەرىپىدىن <بىدئەت> دەپ ئەيىبلىنىپ، يەرلىك ھۆكۈمران ئابدۇرەشىدخان تەرىپىدىن چەتكە قېقىلغان. 1580 - يىلى يەكەن خانلىقىدىكى ئابدۇكەرىمىخاننىڭ تەكلىپى بىلەن قەشقەرغە كېلىپ ئىشانلىق ئەقىدىسىنى تارقاتتى. يەكەن خانلىقىنىڭ ھاكىمىيىتىنى كۈچىنىڭ بارىچە قوغدىغانلىقتىن، ئابدۇكەرىمخاننىڭ ئىشەنچىسىگە ئىگە بولدى. ئابدۇكەرىمخان قەشقەرنى ئۇنىڭ دىننى تەبلىغ قىلىش دائىرىسىگە ئايرىپ بەردى. شۇنىڭ بىلەن بىللە ئۇنىڭغا يېڭىسار، يەكەن، خوتەن قاتارلىق جايلاردىكى ئىشانلارغا باشلىق بولۇش ھوقۇقىنى بەردى. ئىسھاق ۋەلى يۇقىرىقى جايلاردا 12 يىل پائالىيەت قىلدى. كونا خوجا جەمەتىدىكىلەرنىڭ جاھاندارچىلىق مەنسەپلىرىگە ھېرىسمەن بولۇشتەك ئىللىتىنى نەزەردە تۇتۇپ، دىننى پاكلاشتۇرۇش تەشەببۇسىنى ئوتتۇرىغا قويدى ھەمدە مۇراسىملارنى ئاددىيلاشتۇردى، كونا ئادەتلەرنى ئۆزگەرتتى. شۇنىڭ بىلەن بىللە تەسەۋۋۇپچىلارنىڭ ئەسەبىي ھەرىكەتلىرىنى چەكلەپ، يەكەن خانلىقىدىكى ھۆكۈمرانلارنىڭ، خەلقنىڭ قوللىشىغا ئىگە بولۇپ، قارا تاغلىقلارنى شەكىللەندۈردى. سەمەرقەنتكە قايتىپ بېرىپ، ئالەمدىن ئۆتتى.
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
ئەرلەرگە خاس ئىسىم
ئىبرايچە
ئىسساق، ئىززاق
ئىسھاق پەيغەمبەرنىڭ ئىسمى، مەنىسى: كۈمۈش