Uyghur←Chinese主要词典
ئېرىتكۈچى ئېنزىم تەنچىسى
بىئولوگىيە
溶酶体
róngméitǐ
سىتوپلازمىدىكى كىچىك شارسىمان بىر خىل ھۈجەيرە ئاپپاراتى بولۇپ، دىئامېترى تەخمىنەن 0.8 ~ 0.25 مىكرون كېلىدۇ، سىرتىنى بىر قەۋەت بىرلىك پەردە ئوراپ تۇرىدۇ. ئىرىتكۈچى ئېنزىم تەنچىسىنىڭ تەركىبىدە كۆپ خىل گىدرولازىلار بولۇپ، ھۈجەيرىگە نىسبەتەن ھۈجەيرە ئىچىدە ھەزىم قىلىش ۋە قوغداش رولىنى ئۆتەيدۇ، يالمىغۇچى پۈۋەكچە ياكى ئىچكۈچى پۈۋەكچىلەر بىلەن بىرىكىپ، يالمىغۇچى ياكى ئىچكۈچى پۈۋەكچىلەرنىڭ تەركىبىدىكى ماددىلار، مەسىلەن، يۇتقان باكتېرىيە ۋە چوڭ مولېكۇلىلىق ئوزۇقلۇق ماددىلارنى ھەزىم قىلىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا ئۆزلۈكىدىن يۇتقۇچى پۈۋەكچە بىلەنمۇ بىرىكىپ، ئۇنىڭ ئىچىگە يۇتۇلغان ھۈجەيرە ئاپپاراتى ياكى ھۈجەيرە ئاپپاراتى پارچىلىرى قاتارلىقلارنى ھەزىم قىلىدۇ، بۇ ھۈجەيرە ئاپپاراتلىرىنىڭ قايتىدىن شەكىللىنىشى، تەركىبىنىڭ يېڭىلىنىشى ۋە كېرەكسىز ماددىلارنىڭ چىقىرىلىپ كېتىشىگە پايدىلىق بولىدۇ، مەسىلەن، قۇمچاق قۇيرۇقىنىڭ يوقىلىشى ئېرىتكۈچى ئېنزىم تەنچىسىنىڭ رولى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ. ھۈجەيرە زەخىمىلەنگەن ۋاقىتتا، ئېرىتكۈچى ئېنزىم تەنچىسى گىدرولازىلارنى چىقىرىپ، ھۈجەيرىنى ئۆزلۈكىدىن ئېرىتىۋېتىدۇ - دە، ئۇ چىقىرىپ تاشلىنىدۇ، مانا بۇ ئېرىتكۈچى ئېنزىم تەنچىسىنىڭ ئۆزلۈكىدىن ئېرىتىش رولىدۇر. ئېرىتكۈچى ئېنزىم تەنچىسىنىڭ يۇتقۇچى پۈۋەكچە بىلەن بىرىككەنلىكى ياكى بىرىكمىگەنلىكى ھەمدە ئۇنىڭ تەركىبىدىكى ئېنزىم ئەھۋالىغا ئاساسەن، بىرلەمچى ئېرىتكۈچى ئېنزىم تەنچىسى، كېيىنكى ئېرىتكۈچى ئېنزىم تەنچىسى قاتارلىقلارغا بۆلۈنىدۇ. ئېرىتكۈچى ئېنزىم تەنچىسىدە ئەگەر زۆرۈر بولغان مەلۇم خىل ئېنزىم كەمچىل بولسا، ئېغىر كېسەللىكلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، مەسىلەن، ئېرىتكۈچى ئېنزىم تەنچىسىدە a - گلىكوزىدازا كەمچىل بولسا، بالىلار گلىكوگېن يىغىلىش كېسىلىگە گرىپتار بولۇپ ئۆلىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا ئېرىتكۈچى ئېنزىم تەنچىسى تاش ئۆپكە كېسىلىنىڭ پەيدا بولۇشى بىلەنمۇ زىچ مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ.