Uyghur←Chinese主要词典
ئىرسىيەت قۇرۇلۇشى
بىئولوگىيە
遗传工程
yíchuángōngchéng
كىشىلەرنىڭ ئېھتىياجىغا ئاساسەن، ئەمەلىيەتتە ئىندىۋىد ياكى ھۈجەيرىلەرنىڭ گېن گۇرۇپپىسىنى ئۆزگەرتىش ئۇسۇلى ۋە تېخنىكىسىدۇر. نۇرغۇنلىغان يېڭى تېخنىكىلار ئىپتىدائىي يادرولۇق جانلىقلار ياكى ھەقىقىي يادرولۇق جانلىقلارنىڭ گېن گۇرۇپپىلىرى ياكى ئىرسىي قۇرۇلۇشىنى ھۈجەيرە سەۋىيىسىدە ئۆزگەرتتى. ئۇلار يادرو كىسلاتا ئايلاندۇرۇلۇشى، باكتېرىئوفاگنىڭ ئۆتۈشى، تەن ھۈجەيرىلىرىنى شالغۇتلاشتۇرۇش (تەن ھۈجەيرىلىرىنىڭ قوشۇلۇشى)، يېڭىدىن بىرلەشكۈچى تەنچە DNA تېخنىكىسى ۋە سىرتقى مەنبەلىك DNA نى مىكروسكوپتا ئوكۇل قىلىش ئۇسۇلى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. يېڭىدىن بىرلەشكۈچى تەنچە DNA تېخنىكىسى ھازىرقى ئىرسىيەت قۇرۇلۇشىنىڭ مەركىزىي تېخنىكىسىدۇر. ئىرسىيەت قۇرۇلۇشى ھايۋان، ئۆسۈملۈك ۋە مىكرو ئورگانىزملارنىڭ يۇقىرى مەھسۇلاتلىق يېڭى سورتلىرىنى يېتىشتۈرۈش، تىببىي - دورىگەرلىك، سانائەت ئىشلەپچىقىرىشىنىڭ يېڭى يوللىرىنى ئېچىش، ئۆسمىنىڭ ۋە بەزى قىيىن كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ھەمدە ئىنسانلارنىڭ ئىرسىي كېسەللىكلىرىنى كونترول قىلىش ۋە داۋالاش قاتارلىقلارنىڭ ئۈمىدۋار ئىستىقبالىنى نامايەن قىلدى.
ئۇنىۋېرسال,ئورمانچىلىق,مائارىپ,يېزا ئىگىلىك,دېھقانچىلىق
遗传工程
yí chuán gōng chéng