Uyghur←Chinese主要词典
ئېرشىلگەن ئىممۇنىتېت
بىئولوگىيە
获得性兔疫
huòdéxìngtùyì
ئادەم ۋە ھايۋان يەككە تېنى تۇغۇلغاندىن كېيىنكى ياشاش جەريانىدا ئانتىگېنلىق ماددىلار بىلەن ئۇچرىشىش ئارقىلىق ئېرىشكەن ئىممۇنىتېت كۈچى. بۇ يەنە تۇغۇلغاندىن كېينن ئىگە بولغان ئىممۇنىتېت دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئۇ ئىگە بولۇش ئۇسۇلىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا ئاساسەن تەبىئىي ئاكتىپ ئىممۇنىتېت ۋە سۈنئىي ئاكتىپ ئىممۇنىتېت، تەبىئىي پاسسىپ ئىممۇنىتېت ۋە سۈنئىي پاسسىپ ئىممۇنىتېت قاتارلىقلارغا بۆلۈنىدۇ. ئېرىشىلگەن ئىممۇنىتېت ئۆزىگە خاس خۇسۇسىيەتكە ئىگە بولىدۇ. مەسىلەن، چېچەك چىققان ئادەمدە چېچەك ۋىرۇسىغا قارشى تۇرۇش كۈچى ھاسىل بولىدۇ، بۇنداق ئادەمگە قايتا چېچەك چىقمايدۇ، بىراق باشقا كېسەل قوزغاتقۇچى مىكرو ئورگانىزملارغا نىسبەتەن ئىممۇنىتېت كۈچى بولمايدۇ؛ كېزىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋاكسىنىسى ئەملەنگەن كىشىدە بەلگىلىك ۋاقىت ئىچىدە كېزىك تاياقچە باكتېرىيىسىگە نىسبەتەن ئىممۇنىتېت كۈچى بولىدۇ، لېكىن تولغاق تاياقچە باكتېرىيىسىگە نىسبەتەن قارشى تۇرۇش كۈچى بولمايدۇ. شۇڭا ئېرىشمە ئىممۇنىتېت ئالاھىدە خاسلىقى بولغان ئىممۇنىتېت دەپمۇ ئاتىلىدۇ.