Uyghur←Chinese主要词典
ئىرلاندىيە يەر ئىتتىپاقى
دۇنيا تارىخى
爱尔兰土地同盟
ài ěr lán tǔ dì tóng méng
ئىرلاندىيىدىڭكى دېھقانلار ئاممىۋى تەشكىلاتى. 1879 - يىلى قۇرۇلغان. ئۇنىڭ تەشەببۇسچىسى - ئىشچى مىكائېل داۋىتت (1846 - 1906). ئاساسىي تىغ ئۇچىنى چوڭ يەر تۈزۈمىگە قاراتقان ھەمدە مىللىي ئازادلىق كۈرىشى بىلەن بىرلەشتۈرگەن. پومېشچىكلارنىڭ جاڭزىلىرىغا ئوت قويۇش، چارۋا - ماللارنى يوقىتىش، جىنايىتى قەبىھ بولغان پومېشچىكلار ۋە ئۇلارنىڭ خوجىدارلىرىنى ئۆلتۈرۈش ۋە <بايكوت> قىلىشتەك كۈرەش ئۇسۇلىنى ئاساسىي ۋاسىتە قىلغان. ئەنگلىيە پارلامېنتىدىكى ئىرلاندىيە پارلامېنت ئەزالىرى ئۆمىكىنىڭ رەھبىرى پارنېلل رەئىس بولغان. قاتناشقان ئادەم سانى 200 مىڭ ئەتراپىدا. 1882 - يىلى نامى <مىللىي ئىتتىپاق> دەپ ئۆزگەرتىلگەن، سىياسىي پوزىتسىيىسى تېخىمۇ مۇلايىملاشقان، لېكىن ئاممىۋى كۈرەش ئۈزلۈكسىز داۋام قىلىپ تۇرغان.